لىناكىس ھۆججەت ھوقۇق قۇرۇلمىسىدىن ساۋات

مەزكۇر يازما سابىق http://www.ugubuntu.com توربېتىدىن ئېلىندى. بۇ بەت گەرچە تاقىلىپ قالغان بولسىمۇ، دۇنيا تور غەملىكى http://web.archive.org دا ساقلىنىپ قالغان مەزمۇننى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ ئىشلەتتۇق. غەملەكتىكى  ئۇلانمىسى http://web.archive.org/web/20120505164021/http://www.ugubuntu.com/basic-linux-file-permissions.html

لىناكىس ھۆججەت ھوقۇق قۇرۇلمىسى دېگىنىم، لىناكىستىكى ھۆججەت خاسلىقى. لىناكىسنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەنلەر، ھەرقانداق لىناكىس سىستېمىسىنىڭ ھۆججەت ھوقۇقىنىڭ ناھايىتى تەپسىلىي ئايرىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. مەسىلەن ئۇبۇنتۇدا نېمىشقا ئادەتتىكى قوللانچى ھالىتىدە سىستېمىغا كىرىپ دېتال قاچىلىغاندا بۇيرۇق ئالدىغا sudo نى قوشىمىز. چۈنكى ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىنى ھوقۇقى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىز بۇيرۇقنى دەرىجىدىن تاشقىرى قوللانچى root ھالىتىدە يۈرگۈزۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىمىز. قېنى مەن تۆۋەندە لىناكىس ھۆججەت ھوقۇق قۇرۇلمىسىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

مەن ئۇبۇنتۇغا دەرىجىدىن تاشقىرى ئىشلەتكۈچى root ھالىتىدە كىرىپ تېرمىنالغا ‘ls -al’ بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلسام، تۇرۇۋاتقان مۇندەرىجە ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ خاسلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (لىناكىس مەشغۇلات سىستېمىسىدا ھۆججەت ئىسمى ئالدىغا ‹‹.›› قويۇلسا بۇ ھۆججەت يوشۇرۇلىدۇ).

hoquq1

قېنى بىز بۇ يەردىن bashrc. ھۆججىتىگە دىققەت قىلايلى. ئۇنىڭ سول تەرىپىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ، يەنى بۇ ھۆججەتنىڭ خاسلىقىنىڭ بىلدۈرىدىغان مەنىسى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

hoquq2

بۇ رەسىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن بۇنىڭدىن كىيىن لىناكىستا ھۆججەت خاسلىقىنى كۆرگەندە قىينالمايسىلەر؟ بۇ يەردە ئىستىرىلكىدا مەن بەلگە قىلغان، ‹ھوقۇق›، ‹ھۆججەت ئىگىدارى›، ‹ھۆججەت تەۋە بولغان گۇرۇپپا› دېگەنگە بەكرەك دىققەت قىلىڭلار.

ئەمدى مەن ھەقىقىي تونۇشتۇرماقچى بولغان ھۆججەتنىڭ ھوقۇق قۇرۇلمىسىغا كېلەيلى. ‹ھوقۇق› دېگەن يەردە جەمئىي 10 ئورۇن بار، سولدىن باشلاپ بىرىنچىسى شۇ ھۆججەتنىڭ تىپىنى كۆرسىتىدۇ. قالغانلىرىنى ئۈچتىن بىر گۇرۇپپىلىساق، سول تەرەپ ئەڭ بېشىدىكى ئۈچى ‹ھۆججەت ئىگىدارى› نىڭ ھوقۇقىنى، ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچى ‹ھۆججەت تەۋە بولغان گۇرۇپپا› نىڭ ھوقۇقىنى، ئەڭ كەينىدىكى ئۈچى ‹باشقىلارنىڭ ھوقۇقىنى› كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق ھەر بىر ھېرىپ يەنە نېمىلەرنى بىلدۈرىدىغاندۇ؟ قېنى تۆۋەندىكى رەسىمنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭلار.

hoquq3

ئۇنىڭدىن باشقا ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغان يەنە بىر نۇقتا، بۇ يەردىكى ئوقۇش ”r“ نىڭ قىممىتى 4، يېزىش ”w“ نىڭ قىممىتى 2، ئىجرا قىلىش ”x“ نىڭ قىممىتى 1. دېمەك بايىقى ھۆججەتنىڭ ھوقۇقىنى 755 دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، ئۇ ھۆججەتنىڭ ھوقۇق قۇرۇلمىسى ”rwxr-xr-x- “ مۇنداق بولىدۇ.

ئەگەر ئادەتتىكى بىر ھۆججەتنىڭ ھوقۇق قۇرۇلمىسى “ rwxr-xr-x-“ بۇنداق بولسا، بۇ ھۆججەتنىڭ ئىگىدارى بۇ ھۆججەتنى ئوقۇيالايدۇ، بۇ ھۆججەتكە يازالايدۇ، بۇ ھۆججەتنىڭ ئىجرا قىلالايدۇ. بۇ ھۆججەت تەۋە بولغان گۇرۇپپىدىكى بارلىق ئىشلەتكۈچىلەر بۇ ھۆججەتنى ئوقۇيالايدۇ، ئىجرا قىلالايدۇ. باشقىلار بولسا بۇ ھۆججەتنى ھۆججەتنى ئوقۇيالايدۇ، ئىجرا قىلالايدۇ.

بىز bashrc. ھۆججىتىنىڭ ‹ھۆججەت تىپى› ئورنىغا قارىساق قۇرۇق، بۇ bashrc. ھۆججىتىنىڭ ئادەتتىكى ھۆججەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھۆججەت تىپىنى بىلدۈرىدىغان ھەرپلەر ۋە مەنىسى تۆۋەندىكىدەك.

‘d’ مۇندەرىجىنى (ئەڭ ئۈستۈنكى رەسىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدا بەلگە قىلغان ھۆججەت ئەمەلىيەتتە بىر مۇندەرىجە)
‘l’ ئۇلانما ھۆججىتى (Linkfile)
‘b’ ھۆججەت ئىچىگە ساقلانغىنى ئۇلاش ئېغىزى ئۈسكۈنىسى (接口设备)
‘c’ ھۆججەت ئىچىگە ساقلانغىنى ئېغىزى ئۈسكۈنىسى (端口设备)، مەسىلەن، كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس…
ھۆججەت ھوقۇق قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە ئىشلىتىلىدىغان بۇيرۇقلار: chmod، chown، chgrep. بۇ بۇيرۇقلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزۈڭلار ئاقتۇرۇپ ئىزدىنىپ كۆرۈڭلار.


"لىناكىس ھۆججەت ھوقۇق قۇرۇلمىسىدىن ساۋات " غا ئىنكاس يوق


    قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

    بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ