ئەڭ داڭلىق بولغان 10 چوڭ لىناكىس تارقىتىلمىسى

10top_linux_dist

لىناكىس بولسا تولۇق بولغان بىر مەشغۇلات سىستېمىسى بولماستىن ئۇ پەقەت بىر kernel يەنى يادرو. لىناكىسنىڭ تارقىتىلمىسى بولسا لىناكىسنىڭ يادرو قىسمىنى ئىلىپ ئۇنى باشقا ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار بىلەن بىرىكتۈرۈپ تارقاتقان تولۇق بولغان يۇمشاق دېتال بولىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان لىناكىسنىڭ تارقىتىلمىلىرى ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. لىناكىسنى ئورنىتىش دېگىنىمىز سىزنىڭ مەلۇم بىر لىناكىسنىڭ تارقىتىلمىسىنى ئورنىتىشىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
بىزمۇ تىرىشىدىغانلا كەلگۈسىدە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ يىغىندىسى بىلەن لىناكىسى يادروسىنى بىرىكتۈرۈپ تامامەن ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈز ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردىن تەركىب تاپقان لىناكىسنىڭ تارقىتىلمىسىنى بارلىققا كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن. ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمە خىزمەتلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇھىم يول بولغۇسى.

1.ئۇبۇنتۇ
بەلكىم ئۇبۇنتۇ ھەممىدىن تونۇشلۇق بولغان لىناكىسنىڭ تارقىتىلمىسى بولۇشى مۇمكىن ، بەلكىم ئۇنىڭ تونۇلۇشىغا ئۇنىڭ ئۈستەلئۈستى نۇسخىسى ئىشلىتىشكە ئىنتايىن قۇلايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى سەۋەب بۆلىشى مۇمكىن. ئۇبۇنتۇ بولسا دىبيەن(Debian) سىستېمىنى ئاساس قىلىپ بارلىققا كەلگەن ،ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتال تارقىتىش مەنبەسى بار بولغان تارقىتىلما.
ئۇبۇنتۇ ئۆزىگە خاس ئۈستەلئۈستى ۋە مۇلازىمېتىر تارقىتىلمىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ،دەسلەپكى مەزگىللەردە GNOME 2 ئۈستەلئۈستى مۇھىتىنى ئىشلەتكەن بولۇپ ، ھازىر بولسا ئۆزىنىڭ Unity ئۈستەلئۈستى مۇھىتىنى ئىشلىتىدۇ. ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم تارقىتىلمىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ ، ئۇزۇن مۇددەتلىك قوللاشقا ئېرىشكەن( LTS ( long term support تارقىتىلمىسى بولسا ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدۇ. ھازىر ئۇبۇنتۇنىڭ تارقىتىلمىلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ۋە تاختا كومپيۇتېرلاردا ئىشلەيدىغان قىلىپ كېڭەيتىلىۋاتىدۇ.

شەخسەن ئۆزۈم ئۇبۇنتۇ بىلەن تۇنجى قېتىم 2007-يىلى ئۇچراشقان بولۇپ، تۇنجى ئۇچراشقان لىناكىسنىڭ تارقىتىلمىسى دېسەممۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن بۇرۇن باشقا تارقىتىلمىلىرىنى بىلەتتىم، لېكىن ئىشلىتىپ كۆرمىگەن.

ubutnu

2. Linux Mint
Mint تارقىتىلمىسى بولسا ئۇبۇنتۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇبۇنتۇنىڭ يۇمشاق دېتال مەنبەسىنى ئىشلىتىدۇ، ئوخشاش يۇمشاق دېتال بولىقى Mint ۋە Ubuntu ھەر ئىككىلىسىگە ئورتاق بار بولغان بولىدۇ. Mint نىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ئۇبۇنتۇ ئۆز ئىچىگە ئالمىغان كودلىغۇچ-كودسىزلىغۇچ(codecs) ۋە ئۆز ئالدىغا يۇمشاق دېتالى بار بولغانلىقىدا.
Mint دا ئۇبۇنتۇنىڭ Unity ئۈستەلئۈستى پروگراممىسى يوق بولۇپ، Cinamon ياكى Mate ئۈستەلئۈستى پروگراممىسى بار. Mint ئاپتوماتىك ھالدا يۇمشاق دېتاللارنى يېڭىلىمايدىغان بولۇپ، بۇ ئۇبۇنتۇ ئاچقۇچىلىرى تەرىپىدىن بىخەتەر بولمىغان تارقىتىلما دەپ قارىلىشقا سەۋەب بولغان.

mint

3. Debian
Debian تۈرى 1993 يىلدىن باشلانغان بولۇپ ھازىرغا قەدەر 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى. كەڭ كۆلەمدە ئالقىشقا ئېرىشكەن بۇ تۈر ھازىرغا قەدەر Debian نىڭ يېڭى نۇسخىسىنى ئېلان قىلىۋاتقان بولۇپ ، بىراق Ubuntu ۋە Mint نىڭ يېڭىلىنىشىغا قارىغاندا كۆپ ئاستا. بىراق بۇنداق بولۇشنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ بىر قەدەر مۇقىم ۋە ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىشكە باب كېلىدۇ.
Ubuntu يۇقىرىدا دېيىلىپ ئۆتۈنگەندەك Debian دىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، Debian نى تېز، ئىشلەتكۈچىلەرگە قۇلايلىق بولغان يۇمشاق دېتال بوغچىسى بىلەن تەمىن ئېتىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

debian-gnome-desktop

4.Fedora
Fedora نى كۈچىنى ھەقسىز يۇمشاق دېتالغا مەركەزلەشتۈرگەن بىر تۈر دېسەك خاتالاشمايمىز. ئۈچىنچى تەرەپنىڭ يۇمشاق دېتال مەنبەسىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئىچىلىشى ئالدىدا كېتىپ بارغان تارقىتىلمىنىڭ بىرى دېسەك بولىدۇ. ئۇبۇنتۇ غا ئوخشىمايدىغان يېرى، Fedora نىڭ ئۆز ئالدىغا ئۈستەلئۈستى مۇھىتى يوق بولۇپ، سۈكۈتتىكى ئۈستەلئۈستى پروگراممىسى بولسا Gnome 3، ئۇندىن باشقا spins نىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
Fedora بولسا Red Hat شىركىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ ، سودا تۈسىدىكى Red Hat لىناكىسنىڭ ئاساسى ، بىراق Red Hat بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى بولسا Fedora دەپ ئۆتۈلگەندەك ئەڭ يېڭى يۇمشاق دېتاللارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك قوللىشى يوق. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەتلىك قوللاشقا ئېرىشكەن نۇسخىسىنى ئىشلىتىشنى خالىسىڭىز Red Hat نىڭ كارخانىلار ئۈچۈن تەمىنلىگەن لىناكىسقا مۇراجىئەت قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى يۇمشاق دېتاللار بىلەن تېزرەك كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلسىڭىز Fedora نى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

Fedora

5.CentOS/Red Hat
RedHat كارخانا نۇسخىسىدىكى لىناكىس بولسا سودا خاراكتېردىكى لىناكىسنىڭ تارقىتىلمىسى بولۇپ ئاساسلىقى مۇلازىمېتىر ۋە خىزمەت سۇپىسى(workstations) ئۈچۈن ‍ئىشلەنگەن. بۇلار Fedora تۈرىنى ئاساس قىلىپ بارلىققا كۈلىدىغان بولۇپ، كارخانا نۇسخىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك قوللاشقا ئېرىشكەن بولىدۇ، بۇ ھەم Fedora بىلەن تۈپكى پەرقى. Red Hat ئۆزىنىڭ Red Hat Linux Enterprise نى ماركا قانۇنى ئارقىلىق باشقىلار تەرىپىدىن قايتا تارقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان بولۇپ،شۇنداقتىمۇ ئاساسلىق قىسمى (core) ھەقسىز ۋە ئوچۇق كودلۇق، CentOS دەل Red Hat تەمىنلىگەن ھەقسىز ئوچۇق كودلۇق قىسمىنى ئاساس قىلىپ تور دۇنياسىدىكى كۆپچىلىك تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان تۈر ھېسابلىنىدۇ، Red Hat نىڭ ماركىسىنى ئىلىۋېتىپ ھەقسىز تارقاتقان نۇسخىسى مۇنداقچە ئېيتقاندا Red Had Enterprise Linux ھەقسىز نۇسخىسى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەتلىك قوللاشقا ئېرىشكەن ھەقسىز نۇسخىسىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز CentOS سىزنىڭ يەنە بىر تاللىشىڭىز بولالايدۇ.

centos-desktop

6.openSUSE / SUSE Linux Enterprise
openSUSE بولسا Novell شىركىتى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن تارقىتىلمىسى بولۇپ، Novell شىركىتى SuSE Linux نى سېتىۋالغان،Red Hat شىركىتىنىڭ Fedora تۈرىنى Red Hat Enterprise Linux نىڭ ئاساسى قىلغىنىغا ئوخشاش، Novell شىركىتى openSUSE تۈرىنى ئۆزىنىڭ SUSE Linux Enterprise نىڭ ئاساسىي قىلىدۇ، يەنى openSUSE ھەقسىز، SUSE Linux Enterprise نۇسخىسى ھەقسىز. Fedora غا ئوخشاش openSUSE ئۆزىگە ئەڭ يېڭى دېتاللارنى مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ. دەسلەپكى مەزگىللەردە SUSE نىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ قۇلايلىق بولغان بولسا كېيىنچە بۇ ئورۇن Ubuntu غا تەۋە بولدى.

openSUSE

7.Mageia / Mandriva
Mageia بولسا Mandriva نىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇبۇنتۇدىن بۇرۇن Mandriva ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن قۇلايلىق بولغان لىناكىسنىڭ بىر تۈرى ھېسابلانغان. Fedora ۋە openSUSE غا ئوخشاش ئاۋام تەرىپىدىن ئېچىلغان لىناكىسنىڭ تارقىتىلمىلىرىنىڭ بىرى. شەخسى كومپيۇتېر نۇسخىسىنى ئىچىشتىن ئاللا بۇرۇن توختىغان بولۇپ ، Fedora ۋە openSUSE لار ئۆزلىرىنى قوللىغۇچى شىركەتنىڭ مۇلازىمېتىر نۇسخىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانغا ئوخشاش Mageia نىڭ كودى ئۇنىڭ مۇلازىمېتىر نەشرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

Mandriva

8.Arch Linux
Arch لىناكىسنى باشقا تارقىتىلمىلىرىغا قارىغان بىر قەدەر يېشى چوڭ دېسەك بولىدۇ. باشقا تارقىتىلمىلىرىغا قارىغان ماسلىشىشچانلىققا ئىگە بولۇپلا قالماي،يېنىك، ئىخچام بولۇش ئالاھىدىلىكىدىن باشقا ئاددىيلىقىنى ساقلاپ قالغان . ئاددىيلىق دېگەنلىك گرافىكىلىق كۆرۈنمە يۈزى تەمىن ئەتمەسلىك ياكى بەزى ئورنىتىشنى ئاپتوماتىك ئىلىپ بارالمايدۇ دېگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

Arch

9.Slackware Linux
Slackware لىناكىس 1993-يىلى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، Slackware نى ئەڭ كونا لىناكىسنىڭ تارقىتىلمىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. Slackware لىناكىستا زۆرۈرىيىتى بولمىغان گرافىكىلىق قوراللار ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش كودلىرىنى قوشمىغان بولۇپ، دىسكىنى رايونغا بۆلۈش قاتارلىقلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىلىپ بېرىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. كونسېرۋاتىپ لىناكىس دېسىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.

Slackware

10. Puppy Linux
Puppy لىناكىسمۇ خىلى تونۇلغان لىناكىسنىڭ بىرى، دەسلەپكى نۇسخىسى ئۇبۇنتۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، كېيىنچە Slackware نى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان. Puppy نىڭ ھەجمى كىچىك قىلىپ لايىھىلەنگەن بولۇپ، خېلى كونا كومپيۇتېردىمۇ نورمال ئىشلەش ئىمكانىيىتى بار. Puppyنىڭ ISO ھۆججىتى 161 مېگابايت ، 266 مېگابايىتلىق ئىچكى ساقلىغۇچلۇق(RAM) كومپيۇتېردىمۇ ئىشلىتەلەيسىز، 512 مېگابايىتلىق ئىچكى ساقلىغۇچ مۇھىتى ئەڭ مۇۋاپىق.

PuppyLinux

خۇلاسە:
يۇقىرىدا بىرقەدەر تونۇلغان لىناكىسنىڭ 10 تارقىتىلمىسىنى تونۇشتۇردۇق، بۇلاردىن باشقا لىناكىسنىڭ تۈرى نۇرغۇن بولۇپ، لىناكىسنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە ئۆز ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ ناچار بۇ ياخشى دەيدىغان ئىش يوق، سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرالىغان لىناكىسنىڭ تارقىتىلمىسى سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى.
مەسىلەن: لىناكىسنى ئۇيغۇرچە ئىشلىتىمەن، شەخسى كومپيۇتېردا ۋىندوۋسنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىمەن دېسىڭىز ئەلۋەتتە ئۇبۇنتۇ ئەڭ ياخشى تاللاش. مۇلازىمېتىرغا ئىشلىتىمەن دېسىڭىز CentOS/Red Hat Enterprise Linux، openSUSE / SUSE Linux Enterprise قاتارلىقلار تاللىشىڭىز بولالايدۇ. ئەگەر قاتتىق دېتال سەۋەبلىك پېنسىيىگە چىققان كونا كومپيۇتېرىڭىزنى قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈشنى ئويلىسىڭىز Slackware، Puppy نى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.


"ئەڭ داڭلىق بولغان 10 چوڭ لىناكىس تارقىتىلمىسى " غا 1 ئىنكاس

  • ئابلىمىت
    2016-يىل 1-سېنتەبىر (8:30 am)
    جاۋاپ قايتۇرۇش

    مېنىڭ بۇ كومپىيوتىرىمدا winfows XP ماڭمايدىغان بولۇپ قېلىۋېدى Lubuntu ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن


قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ