توربەت توغرىسىدا

بۇ توربەتنىڭ ئىسمىدا ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇرئىكىس(Uyghurix) بولسا، ئۇيغۇر(Uyghur) سۆزى بىلەن لىناكىس(Linux) سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن ئۇبۇنتۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئورنىتىش دىسكىسى مۇشۇ ئىسىمدا تارقىتىلغان، شۇنداقلا مۇشۇ تور نامىدا تور بەتلەرمۇ قۇرۇلغان،ئەمما ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن بۇ توربەتلەر يوق بولۇپ كەتتى.

بۇندىن باشقا ئۇگئۇبۇنتۇ(ugubuntu.com) نامىدا لىناكىس سىستېمىسى ۋە ئۇبۇنتۇغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بىر قەدەر تولۇق بولغان توربېتىمۇ بولغان بولۇپ، بۇ توربەتمۇ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن توختاپ قالدى. بىزنىڭ بىلىشىمىزچە ئەينى ۋاقىتتىكى توربەتلەرنىڭ ugubuntu.com نىڭ مەزمۇنى بىر قەدەر مول ئىدى. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ مىننەتسىز ئەمگىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز.

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك لىناكىسقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئىنتايىن تارقاق ھالەتتە بولۇپ، ئۇيغۇرچە لىناكىسقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى بىر يەرگە يىغىش شۇنداقلا ئۇبۇنتۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىشلىرىغا يېقىندىن ماسلىشىپ ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا ئازراق بولسىمۇ ئومۇملىشىشى ۋە قىزىققۇچىلارنى ئانا تىلىمىزدا ‍ئۇچۇر تېخنىكىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە مەزكۇر نامدا بۇ توربەتنى ئاچتۇق. لىناكىسقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يىغىش ئۈچۈن بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە لىناكىسقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىمىز، ئەگەر تېمىنىڭ ئەسلى ئىگىسى ئۇ تېمىنىڭ بۇ يەرگە كۆچۈرۈلۈپ كېلىشىگە قارشى پىكرى بولسا بىزگە يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، تېمىنىڭ ئۆچۈرۈلۈش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالساقلا مۇناسىۋەتلىك تېمىنى ئۆچۈرۈۋېتىمىز.

Linux دېگەن ئاتالغۇ ئۇيغۇرچىدا لىنكۇس، لىنىكىس،لىناكىس دېگەندەك ھەر خىل تەلەپپۇز قىلىنىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر توربەتتە Linux نى لىناكىس دەپ ئىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمە خىزمەتلىرى يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، تەرجىمە خىزمەتلىرى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنىڭ قاتنىشىغا موھتاج،ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمە خىزمەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن سىزدە چوقۇم لىناكىس بىلىمى بولۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتنىشىش ۋە تەرجىمە ‍ئىشلىرىغا ياردەمدە بولۇش سىز ئويلىغاندەك مۇرەككەپ ئەمەس، ئەگەر ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىغا ئازراق بولسىمۇ كۈچ چىقىرىشىنى خالىسىڭىز، مەزكۇر توربەتتىكى تەرجىمىگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، ئارقىلىق تەرجىمە خىزمىتىگە قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمە خىزمىتى سىزگە موھتاج!!

ئەسكەرتىش: مەزكۇر توربەت بىر نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدىكى ئۇيغۇرئىكىس توربېتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئەمما مەقسىتى ئوخشاش.