ھۆججەتتىكى ئوخشاش قۇرلارنى ئۆچۈرۈش(2)

ھۆججەتتىكى قۇرنىڭ رەت تەرتىپىنى ئۆزگەرتمەي يەن ئەسلىدىكى رەت تەرتىپىنى ساقلىغان ھالدا، ئوخشاش قۇرلارنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئالدىنقى قىتىملىق يازمىدا ئىيتىلغان awk دىن باشقا يەنە cat , sort , cut بىلەنمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدىدەك قىلىلىمىز:

cat -n hojjet | sort -uk2 | sort -nk1 | cut -f2

ئىشلەش پىرىنسىپى:

تۆۋەندىكىدەك مەزمۇندىكى تېكىست ھۆججىتى بار دەپ پەرەز قىلايلى


cat -n hojjet.txt

بۇيرىقى بلەن ھەر قايسى قۇرغا قۇر نۇمرىنى كۆرسىتىپ بىرىمىز

يۇقارقى نەتىجىنى sort -uk2 قا بىرىش ئارقىلىق ئىككىنجى سىتون بويىچە تەرتىپلەپ چىقدۇ.k2 بولسا ئىككىنجى سىتون بويچە تەرتىپلە، u بولسا ئوخشاش قۇردىن بىر قۇرنلام ئال دىگەن مەندە، قارايدىغان بولسىڭز، بۇنىڭلىق بىلەن قۇرنىڭ تەرتىپىدە ئۆزگۈرۈش بولىدۇ.

تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن ئەسلىدىكى تەرتىپكە قايتۇرۇپ ئەكىلىمىز.
sort -nk1

ئاخىرىدا يۇقارقى نەتىجىنى كىينكى بۇيرۇققا بىرىش ئارقىلىق ئەسلىدىكى ھۆججىتىمىزدە بار بولغان مەزمۇننلام ساقلاپ قالىمىز. يەنە قۇر نۇمرىنى چىقىرىپ تاشلايمىز.
cut -f2
يۇقارقى بۇيرۇق ئارقىلىق ئىككىنجى سىتوندىكى مەزمۇننىلا ساقلاپ قالىمىز.


"ھۆججەتتىكى ئوخشاش قۇرلارنى ئۆچۈرۈش(2) " غا ئىنكاس يوق


    قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

    بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ