ئۇبۇنتۇدا يۇمشاق دېتال بوغچىسىنى باشقۇرۇش

مەزكۇر يازما سابىق http://www.ugubuntu.com توربېتىدىن ئېلىندى. بۇ بەت گەرچە تاقىلىپ قالغان بولسىمۇ، دۇنيا تور غەملىكى http://web.archive.org دا ساقلىنىپ قالغان مەزمۇننى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ ئىشلەتتۇق. غەملەكتىكى  ئۇلانمىسى http://web.archive.org/web/20120509005902/http://www.ugubuntu.com/manage-deb-package.html

Packages نى خەنزۇچە 软件包 دەپ ئاتايمىز. ئۇبۇنتۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە «يۇمشاق دېتال بوغچىسى» دەپ ئېلىنىپتۇ. مەن بۇرۇنقى يازمىلىرىمنىڭ ھەممىسىدە «بولاق» يەنى «deb بولىقى» دېگەندەك ئېلىۋېتىپتىكەنمەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزگەرتەي.

كۆپچىلىككە مەلۇم ئۇبۇنتۇدا يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ياكى تېرمىنالدا apt/dpkg قورالى ئارقىلىق بوغچا قاچىلايمىز. يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ياكى apt قورالىدىن پايدىلىنىپ بوغچا ئىزدەيمىز، ھەم ئۆزىمىزگە لازىملىقى بوغچىنى تاللايمىز، بوغچا نەشرىنى يېڭىلايمىز. ئۇبۇنتۇدا يۇمشاق دېتال مەركىزى ئۇبۇنتۇنىڭ ئۈستەل يۈزى نۇسخىسىنى يېڭى ئىشلەتكەنلەر ئۈچۈن، ھەم تېرمىنالدا بۇيرۇق يېزىش بىلەن خوشى يوقلار ئۈچۈن بارلىق ھاجەتتىن چىقالىسىمۇ، بىراق ئۇبۇنتۇنىڭ مۇلازىمېتىر نۇسخىسىنى ئىشلىتىدىغانلار، ياكى بوغچا باشقۇرۇشتا تەلىپى سەل يۇقىرىلار ئۈچۈن apt/dpkg قورالى ئارقىلىق ئۇبۇنتۇدا يۇمشاق دېتال بوغچىسىنى باشقۇرۇشنى تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.

توردىن ماتېرىيال كۆرسەم. لىنۇكس دەسلەپ تارقىتىلغاندا، دېتالنى چوقۇم ئەسلىي كودىدىن كود تۈزۈش ۋە تەرجىمە قىلىش(编译) ئارقىلىق قاچىلايدىكەندۇق. tar.gz ئەسلىي كود بوغچىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باققانلار بۇنىڭ نەقەدەر ئاۋارىچىلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. كىيىن Debian گۇرۇپپىسى dpkg بوغچا باشقۇرۇش قورالىنى ياساپ چىقىپتۇ. ئاندىن لىنۇكسدا يۇمشاق دېتال بوغچىسى دېگەن نەرسە پەيدا بوپتۇ. يەنى بۇرۇن كود تۈزۈش ۋە تەرجىمە قىلىش(编译) تاماملانغان، بەلگىلەنگەن كومپيۇتېردا (ماس كەلگەن لىنۇكس ۋارىيانتىدا) بىۋاسىتە ئىشلىتىشكە بولىدىغان rpm, deb بوغچىلىرى كەينى-كەينىدىن تارقىتىلىپ ئىشلەتكۈچىلەرگە قۇلايلىق ئېلىپ كەپتۇ. ئەگەر بۇرۇنقىدەك كېتىۋەرسە يېپىق كودلۇق دېتاللارنى لىنۇكسدا ئىشلىتىشىمىز تېخىمۇ تەس بولاركەن.

كېيىنچە dpkg ئارقىلىق بوغچا باشقۇرۇش قۇلاي بولسىمۇ، بىراق بوغچا يېڭىلاشنىڭ ئاۋارىچىلىك ئىكەنلىكىنى، يەنى قايسى بوغچىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ چىققانلىقنى بىلگەندىن كىيىن، توردىن قول سېلىپ چۈشۈرۈپ ئاندىن قاچىلاشنىڭ يەنىلا قۇلايسىز ئىكەنلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، apt قورالى مەيدانغا كەپتۇ. apt-get upgrade ئارقىلىق كومپيۇتېرىمىزغا قاچىلانغان بوغچىلارنىڭ تىز سۈرەتتە يېڭىلىيالايدىغانلىقىمىز ئوقۇرمەنلەرگە ناتونۇش ئەمەس.

ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە شۇنى سېلىپ ئۆتەيكى apt/dpkg قورالىنى ياخشى ئىشلىتىش ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا لىنۇكسدا cd ۋە grep ئىككى بۇيرۇقنى ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشۇڭلار كېرەك. تۆۋەندە تونۇشتۇرغىنىم apt/dpkg قورالىنىڭ ئۆزۈم كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىقتىدارى خالاس، مېنىڭچە مۇشۇلارنىڭ بىلسىلا بولدى، ھەممە ئىقتىدارىنى ئېسدە تۇتۇپ بولالمايدۇ كىشى. ئەگەر داۋاملىق تەتقىق قىلىپ باققۇسى بارلار، ئۇبۇنتۇ ئۆزىنىڭ apt/dpkg ياردەم ئۇچۇرىدىن، ياكى توردىن پايدىلىنارسىلەر.

تەييارلىق:

تېرمىنالنى ئېچىپ dpkg ۋە apt قورالىنىڭ ياردەم ئۇچۇرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار. بۇيرۇق كەينىگە قوشۇشقا بولىدىغان پارامېتىرلار تولىمۇ كۆپ، بىراق مىنىڭ ئادەتتە ئىشلىتىدىغىنىم ساناقلىقلا، ھەم بۇ يەردە تۇنۇشتۇردىغىنىممۇ شۇ ئۆزۈم كۆپ ئىشلىتىدىغانلىرى. قالغانلىرىنى ئۆزۈڭلار سىناپ ئۆگىنىۋالارسىلەر.

dpkg –help
apt-get –help
apt-cache –help

apt قورالىنى ئىشلىتىش:
ئىشلىتىشكە بولىدىغان بوغچا تىزىملىكىنى يېڭىلاش
sudo apt-get update
بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق بوغچا تىزىملىكىنى يېڭىلىغاندىن كىيىن، ئاندىن سىستېمىغا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بوغچا ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيمىز. بارلىق بوغچا ئۇچۇرىنى /etc/apt/sources.list ھۆججىتىگە يېزىلغان مەنبەدىن تاپىدۇ.

سىستېمىغا قاچىلانغان بوغچا نەشرىنى يېڭىلاش

sudo apt-get upgrade

قائىدە بويىچە بولغاندا، sudo apt-get update ئارقىلىق بوغچا تىزىملىكىنى يېڭىلىغاندىن كىيىن، ئاندىن بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق سىستېمىغا قاچىلانغان بوغچا نەشرىنى يېڭىلايمىز. ئەلۋەتتە بۇ ئىككى بۇيرۇقنى تەڭ && بەلگىسى ئارقىلىق ئۇلاپ ئىشلەتسەك تېخىمۇ قۇلايلىق.

sudo apt-get update && sudo apt-get upgrade

بارلىق سىستېمىنى بارلىق يۇمشاق دېتال بولىقىنى يېڭىلىماقچى بولساق تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىمىز.

sudo apt-get dist-upgrade

يېڭىلانما تەكشۈرۈش
يۇمشاق دېتال بوغچىسى يېڭىلانمىلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى

sudo apt-get -s upgrade

يۇمشاق دېتال بوغچىسى يېڭىلانمىلىرى ۋە سىستېما يېڭى نەشرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىمىز.

sudo apt-get -s dist-upgrade

ئەگەر بۇرۇن مەلۇم بىر يۇمشاق دېتال قاچىلاپ، بۇ يۇمشاق دېتال نورمال ئىشلىمىگەن بولسا، دېمەك بۇ دېتالغا لازىملىق بولغان مەلۇم lib ئامبىرى قاچىلانمىغان دېگەن گەپ. تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق سىستېمىغا قاچىلانغان دېتاللارنىڭ تايىنىش مۇناسىۋىتىدە مەسىلە بار يوقلۇقىنى تەكشۈرىمىز.

sudo apt-get check

ئىشلىتىشكە بولىدىغان يۇمشاق دېتال بوغچىسىنى تەكشۈرۈش
بۇ بۇيرۇقنى كەينىگە، يەنى مەن xxx بىلەن بەلگە قىلىپ قويغان ئورۇنغا، مەلۇم بىر بوغچىنىڭ ئسمىنى يېزىپ ئىشلىتىمىز.

sudo apt-cache search xxx

مىسال:
مەسىلەن بىر ئۇبۇنتۇ مۇلازىمېتىرىغا Mysql ۋە apache قاچىلىدۇق. بىراق php لىق بېكەت سىستېمىسىنى نورمال ئىشلىتەلمىدۇق. بۇ چاغدا بۇ بۇيرۇق ئەسقاتىدۇ.

sudo apt-cache search apache2|grep php5

قارىساق apache2 قىستۇرمىسى libapache2-mod-php5 نىڭ كۆرىمىز. شۇنى قاچىلايمىز. بىراق يەنە بىر مەسىلە، بېكەت سىستېمىسىنى ساندانغا ئۇلىغاندا خاتالىق كۆرۈلىدۇ، چۈنكى بىر Mysql نى قاچىلىغان بىلەن بىلەن ئۇنىڭ php بىلەن ئالاقىدار قىستۇرمىسىنى قاچىلىمىغان. تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىپ قايسى قىستۇرمىنى قاچىلىشىمىز لازىملىقنى تاپىمىز.

sudo apt-cache search mysql|grep php5

ھەم قارىساق قىستۇرما php5-mysql نىڭ ئۇچۇرى بار، شۇنى قاچىلاپ، بېكەت سىستېمىسىنى نورمال قاچىلىۋالىمىز.

يۇمشاق دېتال بوغچىسىنىڭ ئۆزئارا تايىنىش مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈش
بۇ بۇيرۇق ئىشلەتكەندە مەن بەلگە قىلغان xxx دېگەن ئورۇنغا، بوغچا ئىسمىنى يازىمىز.

sudo apt-cache depends xxx
sudo apt-cache rdepends xxx

بۇ ئىككى بۇيرۇقنىڭ پەرقى، ئۈستىدىكىسى (dependes) بولسا xxx بوغچىنىڭ قايسى بوغچا بىلەن تايىنىش مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ئاستىدىكىسى (rdepends) بولسا قايسى بوغچىنىڭ xxx بوغچا بىلەن تايىنىش مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەكشۈرىدۇ.
مىسال:
لىنۇكسدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، يىراقتىن باشقۇرۇش بوغچىسى OpenSSH ئىككى بوغچىدىن تەركىب تاپقان. بىرى openssh-client بۇ باشقا كومپيۇتېرغا ssh ئارقىلىق كىرىشتە ئىشلىتىلىدۇ. يەنە بىرى openssh-server بۇ باشقا كومپيۇتېر ئۆزىمىزنىڭ كومپيۇتېرىغا ssh ئارقىلىق كىرسە ئىشلەيدۇ. يەنى كومپيۇتېرىڭىزدا openssh-client لا بولسا، سىز پەقەت openssh-server قاچىلانغان ھەم بۇ مۇلازىمەت قوزغىتىلغان لىنۇكس مۇلازىمېتىرىغا كىرەلەيسىز، بىراق باشقىلار سىزنىڭكىگە ssh ئارقىلىق كىرەلمەيدۇ.

مەسىلەن سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا openssh-server، openssh-client ئىككىلىسى قاچىلىغان، بىراق بىر كۈنى سىز باشقىلارنىڭ مىنىڭ كومپيۇتېرىمغا ssh ئارقىلىق كىرىشى ھاجەت ئەمەس مەنلا باشقىلارنىڭكىگە كىرەلىسەم بولىدۇ دەپ قارىدىڭىز.

sudo apt-cache depends ssh

ئارقىلىق OpneSSH نىڭ openssh-client ۋە openssh-server ئىككى بوغچىغا تايىنىدىغانلىقىنى، openssh-server نى ئۆچۈرسەكلا كۆزلىگەن مەقسەتكە تىزلا يېتەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلەلەيسىز.

sudo apt-cache rdepends ssh

بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق ئەگەر OpenSHH پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋەتسەك، قايسى ئىقتىدارلارنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىمىزنى بىلەلەيسىز.

يۇمشاق دېتال بوغچىسى قاچىلاش
بۇ ئىقتىدارنى ھەممىمىز كۈندە دېگۈدەك ئىشلىتىمىز. جىق سۆزلىمەي، بۇيرۇق تۆۋەندىكىدەك:

sudo apt-get install xxx

xxx بوغچا ئىسمى.

يۇمشاق دېتال بوغچىسىنى ئۆچۈرۈش
بوغچا ئۆچۈرۈش مۇ ناھايىتى ئاسان، بىراق دىققەت قىلىدىغان مۇھىم مەسىلە تايىنىش مۇناسىۋىتى. ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان بۇيرۇق:

sudo apt-get remove xxx

ئەگەر بىر بوغچىنى پاك-پاكىز سەپلىمە ھۆججەتلىرىدىن تارتىپ (/etc ئاستىدىكى) ئۆچۈرمەكچى بولساق apt-get نىڭ pure پارامېتىرىنى، پەقەت توردىن قايتا چۈشۈرۈش ھاجەتسىز بوغچىلارنى ئۆچۈرۈشتە autoremve پارامېتىرىنى ئىشلىتىمىز. قوشۇپ ئىشلەتسەك تۆۋەندىكىدەك

sudo apt-get –purge autoremove xxx

مىسال:
مەسىلەن مىنىڭ كومپيۇتېرىمدا بۇ ئىككى بۇيرۇق ئارقىلىق mysql-server ئۆچۈرمەكچى بولسام، remove ئىشلەتسەم، ئۆچۈرىدىغان بوغچا پەقەت بىر تال، چوڭ كىچىكلىكى 93.8kb, ئەگەر purge autoremove ئىشلەتسەم ئۆچۈرىدىغان بوغچا توققۇز تال، چوڭ كىچىكلىكى56.4mb.


"ئۇبۇنتۇدا يۇمشاق دېتال بوغچىسىنى باشقۇرۇش " غا 4 ئىنكاسلار

  • ablimit
    2016-يىل 3-سېنتەبىر (1:40 pm)
    جاۋاپ قايتۇرۇش

    Mening Ubuntu 16.04 sestimamda latinche chiqidu, uyghurche we xenzuche kirguzguch bar , lekin ishlimeywatidu , qandaq qilsam bolidu ?

    • admin
      2016-يىل 5-سېنتەبىر (1:40 pm)
      جاۋاپ قايتۇرۇش

      مەن ئۇبۇنتۇ 16.04.1 دە سىناپ كۆردۇم، ئۇيغۇرچىمۇ نورمال ئىشلەۋاتىدۇ. ھىچقانداق ئارتۇق تەڭشەشمۇ كەتمىدى، پەقەت ئۇيغۇرچە كىرگۈزچنىڭ تىل تەڭشىگۈچتىن قوشۇش ئارقىلىقلار ،سىستىمىنىڭ ئۆزىدە شۇنداقلا LibraOffice تىمۇ نورمال كىرگۈزگىلى بولدى.

      • ئابلىمىت شاكىر
        2016-يىل 8-سېنتەبىر (2:01 pm)
        جاۋاپ قايتۇرۇش

        رەھمەت ، ئوڭشىۋالدىم ، سېستىمىنىڭ قاچىلاش تىلىنى خەنزۇچىغا تەڭشەپ قاچىلىغان ئىدىم ، خنەزۇچە بىلەن ئېنگىلىزچە نورمال چىقىپتۇ ، ئاندىن fictx دىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئاكتىپلاپ قويىۋېدىم تولۇق ئوڭشالدى

        • admin
          2016-يىل 8-سېنتەبىر (3:01 pm)
          جاۋاپ قايتۇرۇش

          ياخشى بوپتۇ، ئىشلىتىش جەرياندىكى ئۇچۇرغان مەسىللىرىڭىزنى ۋە تەجىربىلىڭىزنى داۋاملىق ئورتاقلىشىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن.


قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ