يادىرو (Kernel) نىڭ نەشىرى توغرىسىدا

لىنكاسىنىڭ يادىروسنىڭ نەشىرىنىڭ نۇمىرى ئۆزگىچە مەنىگە ئىگە بولۇپ، دەسلىكى مەزگىلىدىكى نۇمۇر قويۇش بىلەن ھازىرقى نەشىر نۇمرىنىڭ مەنىسىمۇ ئۆزئارا ئوخشاش ئەمەس. دەسلەپكى مەزگىلدە ئۈچ بۆلەك سان ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوللىنىلغان مەسلەن يادىرو نۇمرى 2.6.27 غا ئوخشاش قويۇلدىغان بولۇپ 2.X.Y دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، X جۈپ سان بولسا مۇقىم نەشىرى، تاق سان بولسا ئىچىلۋاتقان نەشىرى ئىكەنلىكىدن دىرەك بىرەتتى، كىينچە ساننىڭ جۈپ-تاق ئىكەنلىكى ئارقىلىق مۇقىم ياكى ئىچىلىۋاتقان نەشىرى ئىكەنلىكىنى ئايرىش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلىپ 2.6.X.Y غا ئوخشاش تۆت بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان سان ئارقىلى ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. بۇ خىل ئۇسۇلدا Y بولسا 2.6.X نىڭ ياخشىلانغان نەشىرىدىن دىرەك بىرىدۇ. X نىڭ كەينىگە rcN ياكى gitN غا ئوخشاش نۇمۇرلارمۇ كىلىدىغان بولۇپ ،rcN ئىلان قىلىنىش كاندىداتى،gitN ئىچىلۋاتقان نەشىرىنىڭ ئامىللرىنى ئۆز ئىچگە ئالغان نەشىرى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
يادىرو نەشىرى 2.6.39 دىن كىينن 2.6.40 بولماستىن بىراقلا 3.0 بولۇپ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭىدىن كىيىنكى نەشىرىلىرى، 3.0.X دىن ئىبارەت 3 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۈچ بۆلەك سان ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىغان يىرى بولسا 2 بۆلەكتىكى سان ئارقىلىق مۇقىم ياكى ئىچىلىۋاتقنان نەشىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، بىرىنجى بۆلەكىتىكى سان ئاساسلىق نەشىرى، ئىككىنجى بۆلەكتىكى سان قوشۇمچە نەشىرى، ئۈچۈنجى بۆلەكتىكى سان بولسا مۇقىم نەشىرىدىن دىرەك بىرىدۇ.

نەشىر قىلىندىغان يادىرونىڭ تۆۋەندىكىدەك ئاسالىق تۆت كاتوگىرىيەسى بار.
1.Prepacth
مۇقىم نەشىرى ئىلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئىلان قىلىندىغان سىناق نۇسخىسى
2.Mainline
ئاساسلىق بۆلىكى ، لىناس تورۋالدىس تەرپىدىن نەچچە ئايدا بىر قىتىم ئىلان قىلىندىغان بۆلىكى
3.Stable
ئاساسلىق بۆلىكى ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئىلان قىلىندىغان مۇقىم بولغان نەشىرى.
4.Longterm
ئۇزۇن مۇددەتلىك قوللاشقا ئىرىشكەن نەشىرى، مەسلەن 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىلان قىلىنغان 3.2 يادىرو نەشىرى بولسا 2016-يىلىغىچە ئاسراشقا ئىگە بولىدۇ.

مەسىلەن:

2.3.99 ئىچىلۋاتقان نەشىرى
2.4.20 مۇقىم نەشىرى
2.6.9-11 مۇقىم نەشىرى
2.6.28-rc4 ئىچىلۋاتقان نەشىرى
2.6.28-rc4-git4ئىچىلۋاتقان نەشىرى
3.0 مۇقىم نەشىرى
3.0.1 مۇقىم نەشىرى(3.0 نەشىرىنىڭ ياخشىلانغان نەشىرى)
3.1-rc1 ئىچىلۋاتقان نەشىرى
3.1 مۇقىم نەشىرى

لىناكىسنىڭ يادىروسنىڭ نەشىرىنى تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدۇ.
uname -a

يادىرونىڭ نەشىرىگە قاراپ ئۇنىڭ قايسى خىل يادىروغا يەنى ئىچىلۋاتقان يادىرومۇ ياكى مۇقىم يادىرىسىمۇ دىگەنلەرنى ئايرىشىمىزغا پايدىسىلى بولۇپ، يادىرونىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ياكى كۆتۈرمەسلىك، يۇقىرى كۆتۈرگەندە قايسى نەشىرىگە كۆتۈرۈش دىگەندەك مەسىللەرنى ھەل قىلىشمىزغا پايدىسى بار.


"يادىرو (Kernel) نىڭ نەشىرى توغرىسىدا " غا ئىنكاس يوق


    قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

    بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ