ئ‍ۇبۇنتۇ (Ubuntu) توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

ئۇبۇنتۇ(Ubuntu) بولسا قەدىيمى ئافرىقا سۆزى بولۇپ «ئادىمىيلىك،باشقىلار ‍ئۈچۈن ئويلاش» دېگەن مەنىسى بار بولۇپ، ئۇندىن باشقا «باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلىقى مىنىڭ مەۋجۇتلۇم» دېگەن مەنىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇبۇنتۇنىڭ بۇ خىل روھىنى يۇمشاق دېتال دۇنياسىغا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئۇبۇنتۇ ھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن نەشرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھەر 6 ئايدا نەشرى يېڭىلىنىدۇ. ئادەتتە 4-ئاي ۋە 10-ئاي يېڭى نەشرىنى ئېلان قىلىدىغان ئايلاردۇر. ئۇبۇنتۇنىڭ نەشرىگە قاراپلا ئۇنىڭ قاچان، قايسى ئايدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇبۇنتۇ 12.04 بولسا، 2012-يىلى 4-ئايدا ئېلان قىلىنغان نەشرىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى ئەڭ يېڭى نۇسخىسى 16.04 LTS بولۇپ بۇ يەردىكى LTS بولسا ئۇزۇن مۇددەتلىك قوللاشقا ئېرىشىكەن نۇسخىسى (Long term support) بولۇپ، بۇ خىل نۇسخىسىنى 5 يىل قوللاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى بولسا Ubuntu 4.10 ، كود ئىسمى Warty Warthog بولۇپ، 2004-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىنىپ،2006-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى قوللاشتىن توختىتىلغان. ھەر قايسى نەشرلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋە قوللاش ۋاقتىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشىنى چېكىڭ.
ئۇبۇنتۇنىڭ ھەر قايسى نۇسخىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتى ۋە قوللاش دەۋرى
ئەگەر بۇرۇنقى نەشىلىرىنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشقا مۇراجىئەت قىلىڭ.
ئۇبۇنتۇنىڭ كونا نۇسخىلىرىنىڭ چۈشۈرۈلۈش ئادرېسى

ئۇبۇنتۇنىڭ ئۇيغۇرچىغا بىر قەدەر مۇكەممەل تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى بولسا 12.04 LTS بولۇپ، ئۇنىڭ ياردەمچى ھۆججەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ، ئەگەر بۇ نۇسخىسىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.
ئۇبۇنتۇنىڭ قوللانمىسى

ئۇبۇنتۇنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى داۋاملىق تۈردە ئىلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر قىزىققۇچىلار بولسا تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق تەرجىمە خىزمىتىگە قاتنىشالايسىز.
ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمە خىزمەتلىرى(كەنجىسوفت تور بىتى)


"ئ‍ۇبۇنتۇ (Ubuntu) توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە " غا 6 ئىنكاسلار

  • uyghurix
    2017-يىل 1-فېۋرال (10:40 pm)
    جاۋاپ قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئۇبۇنتۇدا تور بەتلەر دىكى كىنونى قانداق چۇشۇردۇ

    • admin
      2017-يىل 2-فېۋرال (8:37 am)
      جاۋاپ قايتۇرۇش

      ۋەئەلايكۇم ئەسسىلام، سىزنىڭ قايسى تور بەتلەردىكى كىنونى چۈشۈرۈىشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەسلەن ، يۇتۇيۇب دىگەندەك تور بەتلەردىن چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز All Video Downloader دىگەن يۇمتالنىڭ ياردىمى تىگىىشى مۇمكىن.
      https://apps.ubuntu.com/cat/applications/allvideodownloader

  • uyghurix
    2017-يىل 18-مارت (5:32 am)
    جاۋاپ قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قىرىندىشىم سىزنى يەنە ئاۋارە قىلدىم ئۇبۇنتۇدا ئانا تىلىم لۇغىتىنىڭ ئۇيغۇرچە سۇز لىىك ئامبىرنى تاپالمىدىم بۇرۇن قۇتبەگ تۇر بىتدە چۇشۇرۇش ئادىرسى بار ئىدى ھازىر ئىچىلمايدىكەن يەنە uyghurix.iso.نىڭ چۇشۇرۇش ئادىرىسىنى قالدۇتۇپ قۇيسىڭىز بۇلامدۇ خاتىرە قىللپ ساقلاپ قۇياي دىگەن ئىدىم

    • admin
      2017-يىل 22-ئاپرېل (12:15 am)
      جاۋاپ قايتۇرۇش

      جاۋاپ بەك كىچىكىپ كىتىپ سەت بولدى، مەندە uyghurix.iso نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى، ئەگەر مەن ئىزدەپ تاپلىسام سىزنىڭ ئېلخەت ئادىرسىڭىزغا يوللاپ قوياي.

  • بىلبىلىك
    2020-يىل 29-نويابىر (8:32 pm)
    جاۋاپ قايتۇرۇش

    قانداق ئەھۋالىڭىز تېشلىقمۇ ؟
    ھازىر ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمە ئىشلىرى توختاپ قالدىمۇ ياكى داۋاملىشىۋاتامدۇ ؟ ئۇيغۇرچىسى بولسا مەن ئىشلىتىپ باقاي دېگەنىدىم .

    • uyghurix
      2020-يىل 30-نويابىر (3:30 pm)
      جاۋاپ قايتۇرۇش

      ياخشىمۇسىز؟
      تەرجىمە ئىشىلىرى توختاپ قالغىلى خىلى بولدى، لىكىن بۇرۇنقى تەرجىمىلەردىكى ھازىرقى يېڭى نەشىرىگە ئورتاق بولغان قىسىمى ئۇيغۇرچە كۆرۈندۇ، سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.


قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ