PS بۇيرىقى توغرىسىدا

PS بۇيرۇقى بولسا مەشغۇلات سىستېمىسى PS دا ئىجرا بولۇۋاتقان پروگراممىلارنى كۆرسىتىپ
بېرىدىغان بۇيرۇق بولۇپ، ئىجرا بولۇۋاتقان پروگراممىنىڭ ئىجراID سىنى ، مەركىزى بىر تەرەپ
قىلغۇچىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتىنى پروگرامما ئىجرا قىلىشتا ئىشىتىلگەن بۇيرۇق ئىسمى، تېرمىنال
نومۇرى،ئىشلەتكۈچى ئىسمى قاتارلىقلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ.
ps بۇيرۇقىنىڭ نۇرغۇن قۇلاي بولغان بۇيرۇق تاللانمىلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق سىستېمىدا ئىجرا بولۇۋاتقان پروگراممىلارنى كۆرۈش، ۋاقتى كەلگەندە دەرھال مەلۇم پروگراممىنى ئىجرا بولۇشتىن توختىتىش ۋە شۇنداقلا مەلۇم پروگراممىنىڭ ئىجرا بولۇۋاتقان ياكى بولمايۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.
ps بۇيرۇقنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرىنى ئىشلىتىۋاتقان لىناكىس سىستېمىسىنىڭ تېرمىنالىدا تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

man ps

ئادەتتە لىناكىس سىستېمىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيرۇقلارنىڭ كۆپىنچىسىنى يۇقىرىقى يەنى man بۇيرۇقى ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى

بۇيرۇق man

ps بۇيرۇقىنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىشلىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك

ps -ef

ps -ef دە ئېرىشىدىغان نەتىجە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىقى بۇيرۇققا more نى قوشتۇق ، بۇ ئارقىلىق نەتىجىنى بىر ئازدىن بىر ئازدىن كۆرگىلى بولىدۇ.

يۇقىرىقىدەك كۆپ نەتىجە چىقسا ئۆزىمىز ئىزدىمەكچى بولغان پروگراممىنى ئىزدەش ئۈچۈن بىر ئاز ۋاقىت كېتىپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر بىز ئۆزىمىز ئىزدىمەكچى بولغان پروگراممىنىڭ ئىسمىنى بىلسەك شۇ پروگراممىنىڭ ئىسمى ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجىنىڭ ئۆزىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
مەسىلەن python غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى تۆۋەندىكىدەك تېپىشقا بولىدۇ.


"PS بۇيرىقى توغرىسىدا " غا ئىنكاس يوق


    قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

    بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ