مەۋھۈم مۇھىت توغرىسىدا(1)

مەۋھۈملەشتۈرۈش(Virtualization) دىگىنىمىز، قاتتىق دېتال مەنبەلىرى (مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ قاتارلىق) لارنى ئىشلەتكۈچىدىن يوشۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا لوگىكلىق مەنبە تەمىنلەيدىغان تىخنىكا،پىرىنسىنى كۆزدە تۇتىدۇ. مەۋھۈملەشتۈرۈلگەن مەنبەلەر مەۋھۈم مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ(Virtual CPU) ، مەۋھۈم ئىچىكى ساقلىغۇچ(Virtual Memory)،
مەۋھۈم تور (Virtual Network) دەپ ئاتىلدىغان بولۇپ ، بىر كومپيوتىرنىڭ ئۆزىنى مەۋھۈملەشتۇرۈلگەن بولسا ، بۇ مەۋھۈم ماشىنا(Virtual Machine) ۋەياكى مەۋھۈم مەشغۇلات سىستىمىسى شۇنداقلا مەۋھۈم مۇلازىمىتىر دەپ ئاتىلدۇ.

مەۋھۈم ماشىنا بولسا يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولۇپ، ئ‍شىلەتكۈچىگە مەۋھۈم ماشىنا خۇددى ئادەتتىكى فىزىكىلىق كومپيوتىردەك كۆرۈندىغان بولۇپ، پەرىقنى ھسى قىلمغان ھالدا ئىشلىتەلەيدۇ. بۇ ئ‍ارقىلىق بىر فىزىكىلىق ماشىننىڭ ئۈستىدا بىر نەچچە مەۋھۈم ماشىنىنى ئىشلىتىش ۋە ياكى بىر نەچچە فىزىكىلىق ماشىننى بىر مەۋھۈم ماشىنا ھالىتىدە ئىشلەتكۈچىگە تەمىن ئەتكىلىى بولىدۇ.

مەۋھۈملەشتۈرۈش تىخنىكىسى قاتتىق دېتال تەرەققىياتى ، يۇمشاق دېتال تەرەققىياتى شۇنداقلا تور تىخنىكىسنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ تىز ئوموملىشىۋاتقان تىخىنىڭ بىرى. بۇ شۇنداقلا بۇلۇت ھىساپلاش سۇپىنىڭ تىخنىكىلىق تۈۋرىكى بولۇپ ھىساپلىندۇ.

يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشەنچە بەرسەك تۆۋەندىكدەك.

ئادەتتە بىز كۆپ ئشىلىتىدىغان سىستىما تۆۋەندىكىدەك قۇرۇلمىلىق بولىدۇ. يەنى قاتتىق دىتالغا مەشغۇلات سىستىمىس ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلىتىشچان دىتاللار ئورنىتىلغان بولىدۇ. ۋىندوۋىس سىستېمىسى، لىناكىس سىستىمىسى ۋە Mac OSX قاتارلىقلار.

بىزگە كۆپ ئۇچۇرايدىغان مەۋھۈملاشتۇرۇلغان قۇرۇلما مەشخۇلات سىستىمىس ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ ئۇنىڭ تېپىك ۋەكىلى Virtual Box, Microsoft Virtual PC, VMware workstation دىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ئاسالىق قۇرۇلىمىسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ. بۇ خىلى قۇرۇلمىنى Host OS type Virtualization دەپ ئاتايمىز.

يەنە بىرخىل مەۋھۈم مۇھىت قۇرۇلمىسى بولسا Vmware ESXi, Xen/Citirx Xenserver, Microsoft Hyper-v قاتارلىق Hypervisor دەپ ئاتىلدىغان سىستىم دىتالىنىڭ يارىمى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان Hypervisor تىپىدىكى مەۋھۈم مۇھىت قۇرۇلىمىسى دەپ ئاتىلدۇ.

يەنە بىرخىل مەۋھۈم مۇھىت قۇرۇلىمىس بولسا كونتىنىر (Container) ئاساسىدىكى مەۋھۈم مۇھىتى بولۇپ ، تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، مەشخۇلات سىستىمىنڭ ئۈستىگە كونتىنىر ئنجىن(Container Engine) ئورنتىلدىغان بولۇپ بۇنىڭ ئۈستىگە ھەرخىلى ئىشلتىلشچان دىتالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كونتىنىر ئورنتىلغان بولىدۇ. بۇ خىلىدىكى مەۋھۈم مۇھىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، ھەر قايسى كونتىنىرلار كونتىنىر ئىنجىنى ئارقىلىق بىۋاستە مەشخۇلات سىستىمىسنىڭ يادىرو (Kernal) بىلەن باردى كەلدى قىلىش ئارقىلىق ھەرخىل مەنبەلەرنىڭ تەقسىمىلىنىشىنى بىر تەرپ قىلىدىغان بولۇپ ، ئىنتايىن تىز بولىدۇ.

ھەر قايسى مەۋھۈم مۇھىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرى بار بولۇپ ، بۇ توغىرسىدا كىيىنكى يازمىدا تەپسىلى توختىلىمەن.


"مەۋھۈم مۇھىت توغرىسىدا(1) " غا 6 ئىنكاسلار

  • يىگانە
    2017-يىل 29-ئىيۇن (11:13 pm)
    جاۋاپ قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    بۇ تور بەتنى تىپىۋىلىپ بەك خۇشال بولدۇم، بەك ياخشى بولدى
    ئۆزۈم پروگراممىر، ھەم لىناكىسنىڭ سۆيۈپ ئىشلەتكۈچىسى.
    يىقىندا مەن دوستۇمنىڭ خاتېرە كومپىيۇتېرىغا لىناكىس قاچىلاش سەۋەپلىك لىناكىسنىڭ ھەر خىل نەشىرلىرىنى قاچىلىدىم،
    Ubuntu نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى نۇسقىلىرىنى كومپىيۇتېرنىڭ BIOS قوللىمىدىمۇ نىمە بولدى قوزغىتىشقا بولمىدى
    ئاخىرىدا دۆلىتىمىز ئىچىدىكى پروگراممىرلار ئاچقان Deepin مەشغۇلات سىستېمىسىغا كۆزۈم چۈشۈپ ئىشلىتىپ باقتىم،
    گۈزەللىك ۋە ئىقتىدار جەھەتتە ھازىرغىچە مەن كۆرگەن ئەڭ ئىسىل لىناكىسنىڭ بىر نەشىرى،
    شۇنىڭ بىلەن ئىگە تەرەپ تور بىتىگە چىقىش ئارقىلىق يەرلىكلەشتۈرۈشكە ئائىت مەزمۇنلارنى كۆرۈپ قالدىم،
    شۇنىڭ بىلەن ئىگە تەرەپنىڭ تور بىتىدىن ئىزدەش ئارقىلىق ئىگە تەرەپنىڭ http://transifex.com/ دىكى مۇناسىۋەتلىك Project نى تاپتىم ۋە ئۇيغۇرتىلىنى ئىلتىماس قىلدىم،
    نەتىجىدە تىزلا Deepin Desktop Environment, File Manager… قاتارلىق ئەڭ ئاساسلىق بۆلەكلىرىنى ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىلتىماسى تىزلا تەستىقلاندى،
    شۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى دىگۈدەك ئاز ئازدىن تەرجىمە قىلىپ 400 گە يىقىن سۆز تەرجىمە قىپتىمەن،
    ئىشقىلىپ مەيلى Ubuntu بولسۇن ياكى باشقا نەشىرى بولسۇن بىز ئوخشاشلا ياقتۇرىمىز،
    مۇمكىن بولسا تەرجىمە قىلىشنى خالايدىغانلار بىر يەرگە جەم بولساقمۇ بولغىنى،
    ئادەتتە مەن Microsoft ئىكىلوگىيەسىدە پروگرامما يازىمەن
    ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق پروگرامما تىلى C#, يەنى .Net مۇھىتىدا ئۈستەل يۈزى ۋە ئاساسلىقى Web API
    ياخشى يىرى Microsoft يىڭىدىن .Net Core نى چىقىرىشى لىناكىس بىلەن بولغان ئارىلىقىمنى تىخىمۇ يىقىنلاشتۇرۋاتىدۇ،
    ئاندىن Kotlin دا Android يازىمەن،
    تىخى نەچچە كۈن بۇرۇن شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىشلىتىدىغان بىر سىستېمىنىڭ باشقۇرۇش بۆلىكىنى Electron دا يىزىپ چىقتىم،
    Linux دا پەچەت…
    بۇرۇندىن لىناكىس يۇمشاق دېتاللىرىنى يىزىش ئارزۇيۇم بولغانلىقى ئۈچۈن C, C++, Python دىگەن تىللارنىمۇ ئۈگىنىپ باققان، لىكىن قىلىدىغان ئاساسلىق خىزمەت .Net سۇپىسىدا بولغاچقا داۋاملىق ئىشلىتىشتە ئىمكانسىز قالغان ئىدىم،
    ئىشقىلىپ ياخشى بولدى، بۇ بىلوگنى تىپىۋالغىنىمغا خۇشال بولۇۋاتىمەن.

    تەرجىمە قىلىۋاتقان Deepin Desktop Environment نىڭ Transifex دىكى ئادېرسى
    https://www.transifex.com/linuxdeepin/deepin-desktop-environment/dashboard/

    • admin
      2017-يىل 30-ئىيۇن (6:52 pm)
      جاۋاپ قايتۇرۇش

      بۇ بىلوگقا قەدەم تەشرىپ قىلىغىنىڭىزغا شۇنداقلا سۆز قالدۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت، شەخسەن ئۆزۈم Deepin دىگەن نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كۆرمىگەنكەنمەن،ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمىسىنى ئۆرنەك قىلىسىڭىز Deepin نىڭ تەرجىمىسنى تىزىلىتىشىڭىزگە تۈرتكە بولىشى مۇمكىن. مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلىدىن http://www.kenjisoft.com دىكى مەزمۇنلار ۋاقتىنچە توختىلىپ تۇرغان پات ئارىدا يەنە قايتا ئىچىۋىتىلىدۇ، بۇ تور بەتتە غەيرەت ئەپەندىمنىڭ تەرجىمە توغرىسىدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغان تىمىلىرى بار. شۇنى كۆرۈپ بىقىشىڭىزنى تەۋىسيە قىلىمەن.
      ئەگەر لىناكىس توغرىسىدا ياخشى تىملار بولسا تەمىنلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز.

  • Gheyret
    2017-يىل 30-ئىيۇن (10:23 pm)
    جاۋاپ قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم يېگانە،
    ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ تولىمۇ سۆيۈندۈم. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىزمۇ XFCE نى https://www.transifex.com دا تەرجىمە قىلغان ھازىر ئاساسەن توختاپ قالدى. ئوز ۋاقتىدا XFCE 100% تەرجىمە قىلىنغان ئىدى.
    https://www.transifex.com/xfce/teams/16840/ug/

    بۇ يەردە تەرجىمە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىراق ئۈنۈمى توۋەن. شۇڭا مەن OmegaT دېتالىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇنىڭدا ھازىرقى ئۇبۇنتۇ (https://translations.launchpad.net/ubuntu/zesty/+lang/ug) نىڭ تەرجىمە ھۆججەتلىرى بار. بۇلاردىن پايدىلانسىڭىز تەرجىمە ئۈنۈمى كوپ يۇقىرىلايدۇ. ئۇبۇنتۇ ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا ئائىت مەزمۇنلارنى https://launchpad.net/~ubuntu-l10n-ug دىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.
    gheyret@gmail.com غا خەت يېزىڭ مەن ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇلغان OmegaT ۋە تەرجىمە ھۆججەتلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىمەن.
    http://kenjisoft.com/ دا ئازراق مەسىلە كۆرۈلۈپ، تېخى ئوڭشالمىدى. تەرجىمىدە ئاتالغۇلار ئۈچۈن http://kenjisoft.com/atalghu/ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

  • تۇرسۇن
    2017-يىل 14-ئىيۇل (1:36 pm)
    جاۋاپ قايتۇرۇش

    ياخشى نەرسىلەر كۆپىيىۋاتىدۇ .

  • يىگانە
    2017-يىل 9-نويابىر (12:42 pm)
    جاۋاپ قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    بىلوگىڭىزغا بىزمۇ مەزمۇن يوللىيالامدۇق؟
    http://www.aliptori.com/forum.php?mod=viewthread&tid=52887
    بۇ ۋە بۇنىڭدىن باشقا لىناكىسقا ئالاقىدار تېمىلىرىم بار ئىدى،

    • ruslan rustam
      2017-يىل 13-دېكابىر (11:50 pm)
      جاۋاپ قايتۇرۇش

      ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم، يىقىندىن بىرى بىلوگقا ۋاقىت چىقىرپ بولالمدىم، جاۋاپ بەك كىچىكىپ كىتىپ سەت بولدى، ئەلۋاتتە بولىدۇ.


قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ