پودكاست ۋە ئاۋازلىق ئەسەرلەر

تۆۋەندىكى ئىككى ئۇلانما قانداق نەرسە؟

تور ژۇرنىلى: http://www.kenjisoft.com/jurnal.xml
ئەدەبىي ئاڭلىتىش: http://www.kenjisoft.com/roman.xml

تۆۋەندىكى ماقالىنى ئەڭ ئاخىرغىچە ئوقۇسىڭىز بىلىسىز ۋە ھەر كۈنى، ئۇيغۇرچە داڭلىق رومان، پوۋېست ۋە ھېكايىلەرنى يانفونىڭىزدا ئاڭلىيالايسىز. قېنى مەرھەمەت.

پودكاست(podcast) —  ئۈن ۋە سىن رەقەملىك ھۆججەتلىرىنى ئىنتېرنېتتا ئېلان قىلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا  تور رادىئوسى ياكى تېلېۋىزىيىسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.
مۇلازىمېتىرغا ئۈن ۋە سىن ھۆججەتلىرىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئۇلانمىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى  RSS فورماتىدىكى ھۆججەتتە ئېلان قىلىش جەريانىدۇر.
بۇ خىلدىكى RSS ھۆججىتىنى ئادەتتە پودكاست ھۆججىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچى XML فورماتىدا يېزىلىدۇ. بۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزى ئىنتېرنېتتىن ئىزدەپ كۆرۈۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۈن ۋە سىن ھۆججەتلىرى ئۆزىنىڭ مۇلازىمېتىرىدا بولمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. دۇنيانىڭ نەرىدە بولسا بولۇۋېرىدۇ. پودكاست ھۆججىتىگە ئۇلانمىسىنى يېزىپلا قويسا كۇپايە.
تۆۋەندىكىسى پودكاست ھۆججىتىنىڭ ئاددىي قۇرۇلمىسىدۇر:
(مەن پروگرامما ئارقىلىق ھاسىل قىلغان، http://minzu.radio.cnr.cn/cnrmz/befor.php?programId=19&programName=%E5%B9%BF%E6%92%AD%E6%9D%82%E5%BF%97 نىڭ پودكاست ھۆججىتى)

<?xml version='1.0' encoding='UTF-8' ?>
<rss xmlns:itunes='http://www.itunes.com/dtds/podcast-1.0.dtd'
xmlns:atom='http://www.w3.org/2005/Atom' version='2.0' >
<channel>
<title>تور ژۇرنىلى</title>

<link>http://minzu.radio.cnr.cn/cnrmz/befor.php?programId=19&programName=%E5%B9%BF%E6%92%AD%E6%9D%82%E5%BF%97&n=180&n=120&n=118&n=1</link>

<description>مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تور ژۇرنىلى سەھىپىسى</description>
<category>Radio</category>
<language>ug</language>
<copyright>مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى</copyright>
<image> <url>http://kenjisoft.com/menu.jpg</url>
<title>تور ژۇرنىلى</title>
<link>http://www.uycnr.com/</link>
<description>مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تور ژۇرنىلى سەھىپىسى</description>
<width>144</width>
<height>144</height>
</image>
<itunes:author>مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى</itunes:author>
<itunes:summary>مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تور ژۇرنىلى سەھىپىسى</itunes:summary>
<itunes:subtitle>تور ژۇرنىلى</itunes:subtitle>
<itunes:category text='Arts'/>

<itunes:explicit>clean</itunes:explicit>
<itunes:keywords>ئۇيغۇرچە، تور ژۇرنىلى، ژۇرنال. Uyghurche, tor zhurnili, zhurnal</itunes:keywords>
<itunes:image href='http://kenjisoft.com/menu.jpg' />
<lastBuildDate>Tue, 11 Apr 2017 14:51:02+0900</lastBuildDate>

<item><link>http://dl.radio.cn/aod2014/Archive/wygb/2017/04/10/654972_guangbozazhizhongbo_20170410_000_117111307_603.m4a</link><title>2017/04/10 كۈنىدىكى ئاڭلىتىشى </title>
<description> 2017/04/10 كۈنىدىكى ئاڭلىتىشى </description>

<guid>http://dl.radio.cn/aod2014/Archive/wygb/2017/04/10/654972_guangbozazhizhongbo_20170410_000_117111307_603.m4a</guid>

<itunes:subtitle>مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تور ژۇرنىلى سەھىپىسى</itunes:subtitle>
<itunes:summary>مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تور ژۇرنىلى سەھىپىسى</itunes:summary>

<itunes:duration>30:00</itunes:duration>
<pubDate>Mon, 10 Apr 2017 00:00:00 +0900</pubDate>
<enclosure url='http://dl.radio.cn/aod2014/Archive/wygb/2017/04/10/654972_guangbozazhizhongbo_20170410_000_117111307_603.m4a' length='' type='audio/mp4a-latm'/>
</item>

<item>

<link>http://dl.radio.cn/aod2014/Archive/wygb/2017/04/09/654243_guangbozazhizhongbo_20170409_000_117111307_BAB.m4a</link>

<title>2017/04/09 كۈنىدىكى ئاڭلىتىشى </title>
<description> 2017/04/09 كۈنىدىكى ئاڭلىتىشى </description>

<guid>http://dl.radio.cn/aod2014/Archive/wygb/2017/04/09/654243_guangbozazhizhongbo_20170409_000_117111307_BAB.m4a</guid>

<itunes:subtitle>مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تور ژۇرنىلى سەھىپىسى</itunes:subtitle>
<itunes:summary>مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تور ژۇرنىلى سەھىپىسى</itunes:summary>

<itunes:duration>30:00</itunes:duration>
<pubDate>Sun, 09 Apr 2017 00:00:00 +0900</pubDate>
<enclosure url='http://dl.radio.cn/aod2014/Archive/wygb/2017/04/09/654243_guangbozazhizhongbo_20170409_000_117111307_BAB.m4a' length='' type='audio/mp4a-latm'/>
</item>
</channel>
</rss>


بۇنىڭدىكى <item> غىچە بولغان قىسمى ئاساسەن مۇقىم. بۇ يەرگە رادىئو ئىستانسىسىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى، تۇغى(logo) دېگەندەك ئۇچۇرلار يېزىلىدۇ. ھەر بىر قېتىملىق ئاڭلىتىش <item></item> نىڭ ئارىسىغا يېزىلىدۇ. 100 قېتىملىق ئاڭلىتىش بار بولغان بولسا، <item></item> نىڭ ئارىسىدىكى مەزمۇنلارنى 100 قېتىم يېزىش كېرەك. ئەڭ يېڭىسى باشقا، كونىسى ئاستىغا يېزىلىدۇ.

ئادەتتە پودكاست ھۆججىتى ياسايدىغان مەخسۇس پروگراممىلار بار. بۇ پروگراممىلار توربەتتە ياكى ئۈستەلئۈستى مۇھىتلىرىدا ئىشلەيدۇ. ياكى كەينى سۇپىدا قەرەللىك ئىجرا بولۇپ، پودكاست نى ياسايدۇ. پودكاستنى توركۆرگۈ(Web Browser)  ياكى يانفوندىكى پودكاست قويغۇلار بىلەن ئاڭلاشقا بولىدۇ. مەسىلەن: iphone دىكى «podcast» ئېپى، android  دىكى «Podcast Addict» دېگەندەكلەر.
ئادەتتە پودكاست ئەپلىرى ئارقىلىق رادىئو ئىستانسىلىرىنى ئىزدەپ تىزىملىۋېلىپ، دائىم ئاڭلايدىغان قىلىشقا بولىدۇ. يەنە پودكاست ھۆججىتىنىڭ ئۇلانمىسىنى قوشۇۋېلىش ئارقىلىقمۇ دائىملىق ئاڭلايدىغان قىلىۋېلىشقا بولىدۇ. پودكاست ئەپلىرىنىڭ ياخشى يېرى، مەلۇم يەردە توختىتىپ قويۇپ، كېيىن شۇ يەردىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇپ ئاڭلاشقا بولىدۇ.

تۆۋەندىكى ئىككى ئۇلانمىدا ھەر كۈنى ناھايىتى ياخشى ھېكايە ۋە رومانلارنى ئاڭلىتىدۇ. بۇنى توربەتتە ئاڭلاشقا بولىدۇ. ئەمما پودكاست ھۆججىتى يوق بولغاچقا پودكاست قويغۇلاردا قويغىلى بولمايدۇ.

تور ژۇرنىلى ( http://minzu.radio.cnr.cn/cnrmz/befor.php?programId=19&programName=%E5%B9%BF%E6%92%AD%E6%9D%82%E5%BF%97 )
ئەدەبىي ئاڭلىتىش ( http://minzu.radio.cnr.cn/cnrmz/befor.php?programId=19&programName=%E5%B0%8F%E8%AF%B4%E8%BF%9E%E6%92%AD )

بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مۇلازىمېتىردا قەرەللىك ئىجرا بولۇپ پودكاست ھۆججىتى ياسايدىغان پروگراممىدىن بىر ياسىدىم. بۇ پروگرامما ھاسىل قىلغان پودكاست ھۆججىتىنىڭ ئۇلانمىسى:

تور ژۇرنىلى: http://www.kenjisoft.com/jurnal.xml
ئەدەبىي ئاڭلىتىش: http://www.kenjisoft.com/roman.xml

بۇلارنى پودكاست قويغۇلارغا تىزىملىۋالسىڭىز، ھەر كۈنلۈك ئاڭلىتىشنى ھەر كۈننى ئاڭلىيالايسىز ۋە بۇرۇنقىلىرىنىمۇ ئاڭلىيالايسىز.


"پودكاست ۋە ئاۋازلىق ئەسەرلەر " غا 1 ئىنكاس

  • بىلبىلىك
    2021-يىل 25-يانۋار (3:25 pm)
    جاۋاپ قايتۇرۇش

    ياخشىمۇسىز ؟
    مەن بىلوگىمدا :

    ئۇيغۇرچە | Uyghurche | Уйғурчә

    دېگەن ئىقتىدارنى پەقەت نورمال كۆرسىتەلمىدىم ئىشلەتكەت پروگراممىدا خاتالىق بارمۇ ياكى مەشغۇلاتىمدىمۇ بۇنىمۇ بىلەلمىدىم لېكىن قارىسام سىزنىڭ نورمال ئىشلەيدىكەن مۇمكىن بولسا مۇشۇ ھەققىدە بىر يازما يوللىغان بولسىڭىز پايدىلىنىپ قالساق ….


قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ