kernel(يادىرو) نى يېڭىلاش

CentOS 6 نىڭ يادىرو قىسىمىنى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىلان قىلىنغان 4.6 نەشىرىگە يېگىلاپ باقتىم،قەدەم باسقۇچلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ يەرگە قالدۇرۇپ قوياي .
ئالدى بىلەن https://www.kernel.org دىن يادىرونىڭ 4.6 نەشىرىنى چۈشۈرىمىز.
مۇندەرىجىنى /usr/src/kernels/ غا يۆتكەيمىز يەنى تۆۋەندىكى كوماندا ئارقىلىق.

cd /usr/src/kernels

چۈشۈرگەن لىناكىسنىڭ يادىروسىنى بۇ ئورۇنغا قويىمىز ۋە تۆۋەندىكى كوماندا ئارقىلىق پىرىستىن يېشىمىز.

xz -dv linux-4.6.tar.xz
tar xfv linux-4.6.tar

ئەسلىدىكى سىستىمىنىڭ يادىروسىدا بار بولغان تەڭشەكلەرنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى كوماندىىنى ئىجىرا قىلىمىز.

cd linux-4.6
cp /boot/config-2.6.32-504.el6.x86_64 .config
make oldconfig

يىڭى بولغان ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلاردە سۇئال سورىلدۇ. ئىنتىرنى بىسپ داۋاملاشتۇرىمىز.


Make expert-level adjustments to RCU configuration (RCU_EXPERT) [N/y/?] (NEW)
Kernel .config support (IKCONFIG) [N/m/y/?] n
...
...

يۇقارقى باسقۇچ ئاياقلاشسا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجىرقلىمىز.

make

يۇقارقى بۇيرۇق ئىجىرا قلىنىپ بولغاندىن كىين تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجىرا قىلىمىز

make modules-install

ئەڭ ئاخىرىدا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجىرا قىلىمىز. بۇ بۇيرۇق مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت قىسقۇچلارغا يېڭىدىن ئورناتقان يادىرونىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلىرىنى تېگىشلىك ئورۇنلارغا ئورنىتىپ بىرىدۇ.

make install

تۆۋەندىكى قىسقۇچتا يىڭىدىن ئورناتقان يادىرونىڭ ئۇچىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.


cd /boot

ls
config-2.6.32-504.el6.x86_64 symvers-2.6.32-573.26.1.el6.x86_64.gz
config-2.6.32-573.26.1.el6.x86_64 System.map
efi System.map-2.6.32-504.el6.x86_64
grub System.map-2.6.32-573.26.1.el6.x86_64
initramfs-2.6.32-504.el6.x86_64.img System.map-4.6.0
initramfs-2.6.32-573.26.1.el6.x86_64.img vmlinuz
initramfs-4.6.0.img vmlinuz-2.6.32-504.el6.x86_64
initrd-2.6.32-504.el6.x86_64kdump.img vmlinuz-2.6.32-573.26.1.el6.x86_64
lost+found vmlinuz-4.6.0
symvers-2.6.32-504.el6.x86_64.gz

قوزغىلىش مۇندەرجىسىدىگە قارايدىغان بولساقمۇ يېڭى يادىرونىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ.

boot/grub/menu.lst


"kernel(يادىرو) نى يېڭىلاش " غا ئىنكاس يوق


    قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

    بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ