بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرى

سېسىتىمىنىڭ بىخەتەرلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەندە دەرھال مۇۋاپىق بولغان ئالدىنى ئىلىشقا توغرا كىلدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرۋاقىت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنى يىغىشقا ئ‍ەھمىيەت بىرىشىمىز زۆرۈر. بىخەتەرلىك ئۇچۇر مەنبەسىدىن تۆۋەندىكىدەك مەنبەلەر بار.

CERT/CC
CERT/CC بولسا بىخەتەرلىك مۇتەخەسلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر ئورگان بولۇپ، بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاش، بىخەتەرلىكگە تىخنىكىلىق ياردەم ئۇچۇرلىرىنى ئىلان قىلىش قاتارلىقلار ئاساسلىقى خىزىمىتى.
http://www.cert.org دىن تەپسىلى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

BUGTRAQ
BUGTRAQ بولسا سېستىمىدىكى يوچۇقلارنى ئىلان قىلدىغان ئىلخەت تىزىملىكى (mailing list) بولۇپ، ئىشلىتىۋاتقان يۇمشاق دېتالدا يوچۇق بايقالسا دەرھال نەشىرىنى يېڭىلاش زۆرۈيىتى تۇغىلىدۇ، شۇنىڭ ئ‍ۈچۈن BUGTRAQ ئارقىلىق ئۇچۇر توپلاش كەم بولسا بولمايدۇ.
http://www.securityfocus.com

CIAC
(Computer Incident Advisory Capability)
CIAC بولسا ئامرىكا ئېنىرگىيە باشقارمىسى باشقۇرۇشلىقىدىكى تور بەت بولۇپ ، ھەرخىل بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىى ئىلان قىلىش ، ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن شۇغۇللىندۇ.
http://energy.gov/cio/office-chief-information-officer/services/incident-management

يۇقارقىلار پەقەت خەلقىرادا بىر قەدەر تۇنۇلغان بىخەتەرلىك ئۇچۇر مەنبەلىرى بولۇپ، بۇلاردىن باشقا ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايوننلارنىڭ شۇ دۆلەت، رايوننىڭ تېلىدا تەمىنلەنگەن بىخەتەرلىك ئۇچۇر مەنبەلىرى بولىدۇ، مەسلەن ياپوننىڭ JPCERT, http://www.ipa.go.jp/security قاتارلىق. ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جاينىڭ مۇشۇنداق ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ئۈنۈملۈك پايدىلانسىىڭىز بولىدۇ.


"بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرى " غا ئىنكاس يوق


    قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

    بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ