windows سىستېمىسىدىكى ھۆججەت ئىزدەشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى

تۆۋەندە ئىككى قورال يۇمتالنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن ، ئەگەر بۇلاردىن ئۈنۈملىك پايدىلىنالىسىڭىز سىزنىڭ كومپيوتىردىكى مەشخۇلاتىڭىزنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىشىڭىزغا كۆپ پايدىسى بولىدۇ.

windows سىستېمىسىنڭ ئۆزى تەمىنلىگەن ھۆججەت ئىزدەش ئۇسۇلى بولسا بىر قەدەر ئاستا بولۇپ بەزىدە سىزگە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ يەنى خاتا نەتىجە ۋەياكى مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. مۇنداق ئەھۋالدىىن بىزار بولغان بولسىڭىز سىزگە تۆۋەندىكى يۇمتالنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بۇ قورال يۇمتالىنىڭ ئىسمى Everything ۋىندوۋىس سىستېمىسىىكى ھۆججەتلەر تىزىملىكىنى ئىندەكىسلەپ سىزگە ئەڭ تىز ۋە توغرا بولغان نەتىجىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. بۇ يۇمتالىنى تۆۋەندىكى تور تۇرادىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

https://www.voidtools.com

تۆۋەندىكىسى كۆرۈنمە يۈزى:

Everything Search Window

يۇقارقى تور بەتتە ئىشلىتىش ئۇسۇلىمۇ ىنتايىن تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىزدىمەكچى بولغان مۇندەرجىسىنىمۇ قوشۇپ قويالايسىز، سىزگە كوميپتىرىدكى ھۆججەتلام ئەمەس بەلكى تور كۆرگۈدىكى ساقلاقلىق ئادىرىسلاردىن تارتىپ ھەممىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ.

چوقۇم بۇر قورال دىتالىنى ئشىلىتىپ كۆرشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

يەنە بىر تەۋسىيە دىتال بولسا ، launchy بولۇپ، بۇ يۇمدىتالنى ئشىلىتىش ئارقىلىق سىز بەلگىلەنگەن مۇندەرجىدىكى ئىجىرا ھۆجىتى(exe) نى ئىجارا قىلالايسىز ، سىزنىڭ پىروگىرامما ھۆججىتى قاچىلانغان جايغا بىرىپ پىروگىراممىنى قاچىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، ئۈستەل يۈزىگە ئىجارا بولدىغان پىروگىرامىنى قويۇپ قويشىڭىزنىڭ ھاجىىتى يوق، ئەگەر سىز ئۈستەل يۈزىڭىزنىڭ پاكىز تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىسڭىز بۇ پىروگىرامما سىز ئۈچۈن بىر ياخشى تاللاش بولۇپ قالغۇسى.

بۇ يۇمتالنى تۆۋەندىكى تور تۇرادىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

http://www.launchy.net

تۆۋەندىكىسى بولسا ئۈشبۇ قورال دىتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى.

Launchy opening an .mp3 using the Default skin

يۇقاردا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن 2 يۇمتالنىڭ بىرسى بولسا ھۆججەت يەنە بىرسى بولسا ئىجىرا بولدىغان ھۆججەتنى ئىزدەپ تىپىپ بىردىغان بولۇپ ئەگەر بىز Launchy ئارقىلىق everthing نى قوزغۇتۇپ ئىزدىمەكچى بولغان نەرسىمىزنىڭ بىۋاستە ئىزدىسەك مەقسىتىمىزگە تىخمۇ تىز يىتەلەيمىز. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمىدىكىدەك:

launchy_example

ئەگەر يۇقارقىنى ئىجار قىلىساق everything دىن بىۋاستە ئىزدەش نەتىجىسىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.

everthing_example

بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن launchy دا بىرئاز تەڭشەش ئىلىپ بىرىشقا توغرا كىلىدۇ.

ئالدى بىلەن launchy نى قوزغىتىمىز ، ئادەتتە launchy قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن يوشۇرۇن ئىجارا قىلىنغان ھالەتتە بولدىغان بولۇپ، Alt+Space ئارقىلىق launchy نى كۆرەلەيمىز.
launchy_example_2

يۇقارقى رەسىمدىكى قىزىل رەڭ بىلەن بويالغان جاينى چەكسەك تۆۋەندىكى كۆرۈنمە يۈز كۆرۈندۇ.
launchy_example_3

يۇقارقى كۆرۈنمە يۈزدىن plugins دىگەن جاينى بىسىپ سولا تەرپتىكى Runner نى چەكسەك تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنمە يۈز كۆرۈندۇ.

launchy_example_4

يۇقارقى كۆرۈنمە يۈزدىن + كونۇپكىسىنى بىسىپ تۆۋەندىكى رەسىمىدىكىدەك تەڭشەكنى كىرگۈزسەك ئەسىلىدىكى مەقسەتكە يىتىشكە بولىدۇ.

launchy_example_5

دىققەت:
يۇقارقى كۆرۈنمە يۈزدىكى name خالىغانچە ئۆزىمىزگە قولايلىق بولغان ئىبارىلەرنى كىرگۈزسەك بولىدۇ ، بۇ يەردە ئۇقۇشماسلىق ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن everthing دەپ ئالدىم.
Program دىگەن ئورۇنغا everthing ئورنىتىلغان جاينى كۆرسىتىپ بەرسەك بولىدۇ.
Arguments دىگەن ئورۇنغا رەسىمدىكىدەك قىممەتنى كىرگۈزىمىز.

سىزگە ئامات تىلەيمەن!!


"windows سىستېمىسىدىكى ھۆججەت ئىزدەشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى " غا 1 ئىنكاس


قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ