ئۇبۇنتۇ 16.04 نەشرىنى ئورنىتىش ئۇسۇلى

Ubuntu 16.04 نەشرىگە مۇناسىۋەتلىك بىرىنچى تېما سۈپىتىدە ، كۆپچىلىككە ئۇبۇنتۇ 16.04 نىڭ ئۈستەلئۈستى نۇسخىسىنىڭ قاچىلاشنىڭ ئۇسۇلىنى قەدەممۇ قەدەم تونۇشتۇرۇشنى لايىق كۆردۈم.

1. تۆۋەندىكى ئۇبۇنتۇنىڭ تور بېتىدىن 16.04 LTS نۇسخىسىنىڭ iso ھۆججىتىنى چۈشۈرىمىز.
http://www.ubuntu.com/download/desktop

2.چۈشۈرۈپ بولغان iso ھۆججىتىدىن دىسكىنى تەييارلاپ ، ‍ئورناتماقچى بولغان كومپيۇتېرنىڭ CD-ROM غا سېلىپ ، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز.

3.كومپيۇتېر قايتا قوزغالغاندىن كېيىن، ئېكراندا رەسىمدىكىدەك قاچىلاشتا ئىشلىتىلىدىغان تىلنى تاللاش كۆزنىكى ئىچىلىدۇ. سول تەرەپتىكى رامكىدىن <<ئۇيغۇرچە>> نى تاللايمىز

ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش

ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش

4.<<ئۇيغۇرچە>> نى تاللىغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ. ئەگەر ئۇبۇنتۇنى سىناپ كۆرمەكچى بولسىڭىز ،<<ئۇبۇنتۇنى سىناپ باقىمەن>> دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز دىسكىدا تۇرۇپلا سىناشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە <> نى تاللايمىز.
ubuntu1604_02

5. تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ، بۇلارنى ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولغانلىقى ‍ئۈچۈن تاللىماي، <<داۋاملاشتۇر>> نى تاللايمىز. ئىزاھات، بۇ يەردىكى ئىككى تاللاشنى بىرى ئۇبۇنتۇنى ئورنىتىش جەريانىدا نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە بىر قىسىم گرافىك، ۋاسىتە دېتاللىرىنى چۈشۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك تاللاشلار بولۇپ تاللىساقمۇ ئورنىتىشقا تەسىرى يوق ، بىراق ئورنىتىشقا سەل ۋاقىت كېتىدۇ.
ubuntu1604_03

6. ئورنىتىش تىپى كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ، بۇ يەردىن بىرىنچى ”Erase disk and install Ubuntu“ نى تاللاپ <<ھازىر ئورنات>> كۇنۇپكىسىنى باسىمىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن 2 ياكى 3 تاللاشنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ubuntu1604_04

7.تۆۋەندىكىدەك دىسكىدىكى ھەممە نەرسە ‍ئۆچۈرۈلىدۇ شۇنداقتىمۇ ئورنىتامسىز دېگەندەك ئەسكەرتىش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ، ئەگەر باشقا پىكرىڭىز بولمىسا << داۋاملاشتۇر >> كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
ubuntu1604_05

8.سىز نەدە؟ كۆزنىكىدىن ۋاقىت رايونى تاللاش كۆزنىكىدىن ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق بولغان رايوننى چېكىش ئارقىلىق تاللايمىز. بۇ يەردە ”Urumqi“ نى تاللايمىز.
ubuntu1604_06

ubuntu1604_07

9.كۆڭۈلدىكى كۇنۇپكا تاختىسىنى ساقلاپ قالامسىز دېگەن كۆزنەك كۆرۈنىدۇ، بۇنىڭدىن <<ھەئە>> نى باسىمىز.
ubuntu1604_08

10.ھېرىپ تاختا ئورۇنلاشتۇرۇشى كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ، بۇ يەردە ئاپتوماتىك بايقىغان ھېرىپ تاختا ئورۇنلاشتۇرۇشى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئەگەر كۇنۇپكا تاختىسىنى توغرا بولغان بولسا << داۋاملاشتۇر>> كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. ئەگەر خاتا بولغان بولسا << ھېرىپ تاختا جايلاشتۇرۇشنى بايقايدۇ>> كۇنۇپكىنى باسساق مۇناسىۋەتلىك تاللاش رامكىلىرى كۆرۈنىدۇ. بۇ مىسالنى ئىشلەتكەن كومپيۇتېردا ”English“ بولغانلىقى ‍ئۈچۈن <<داۋاملاشتۇر>> كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
ubuntu1604_09

11.سىز كىم؟ كۆزنىكىدىن ئۆزىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈپ <<داۋاملاشتۇر>> كۇنۇپكىنى باسىمىز. بۇنىڭ بىلەن ئورنىتىش رەسمىي تۈردە باشلىنىدۇ.
ubuntu1604_15

12. ئورنىتىش جەرياندا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەكلەر كۆرۈنىدۇ.
ubuntu1604_16

ubuntu1604_17

ubuntu1604_18

13. ئورنىتىش تاماملانغاندا تۆۋەندىكىدەك <<ئورنىتىش تامام>> كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ. <<ھازىر قايتا قوزغات>> كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز.
ubuntu1604_19

14.قايتا قوزغالغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كىرىش كۆزنىكى ئىچىلىدۇ. ئىمنى كىرگۈزۈپ <<داۋاملاشتۇر>> ”Continue“ كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق سىستېمىغا كىرىمىز.
ubuntu1604_20

كىرگەندىن كېيىكى كۆرۈنۈشى :

ubuntu1604_21

يۇقىرىقى بىلەن ئورنىتىش تاماملاندى، بەلكىم ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ نورمال كۆرۈنمىگەنلىكىدىن بىئارام بولدىڭىزغۇ دەيمەن، بۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى كېيىنكى قېتىملىق يازمىدا تونۇشتۇرىمەن.

بەلكىم ئورنىتىش جەريانىدا بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ ئىنگلىزچە چىققىنىدىن ئەجەبلەنگەن بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىش ئارقىلىق ئۇبۇنتۇنى تەرجىمە قىلىش گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىڭ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى ‍ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىڭىزنى قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.


"ئۇبۇنتۇ 16.04 نەشرىنى ئورنىتىش ئۇسۇلى " غا ئىنكاس يوق


    قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

    بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ