يۇنىكودنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان xetex

يۇنىكودنى بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلالايدىغان، ھەم Mac ۋە Window نىڭ TruType فونتىنى بىۋاسىتە ئىشلىتىدىغان Tex يۇمشاق دېتالى Xetex نى بىلەمسىز؟
بۇرۇنقى Tex يۇمشاق دېتالى، ئىنگلىزچىنى كۆزدە تۇتۇپلا، 7 بىتلىق كودنى بىر تەرەپ قىلىدىغان قىلىپ ياسالغان ئىدى. باشقا تىللارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان چاغدا تىل ئالماشتۇرۇش بەلگىسى قويۇش ئارقىلىق، باشقا تىلنىڭ ھەرپلىرىنى يەنە 7 بىتلىق كودقا ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلاتتى. يەنى بۇ بىزنىڭ بۇرۇنقى قالايمىقان كود ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدىكى ھالەتكە ئوخشايتتى.

Xetex بولسا يۇنىكودنى يەنى 16 بىتلىق كودنى بىر تەرەپ قىلىپلا قالماستىن، TruType ۋە OpenType فونتلىرىنىمۇ بىر تەرەپ قىلالايدۇ. Xetex ھازىر Mac، Linux ۋە Windows مۇھىتىدا ئىشلەيدۇ.

Windows دا ئىشلەيدىغان نۇسخىسىنى ياپونىيە كىنكى(近畿大学) ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئاكىرا كاكۇتو (角藤 亮) ئەپەندى Linux نۇسخىسىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن.
URL ئادرېسى :

http://w32tex.org/index.html

مەن Tex نى ئىشلىتىشنى تازا ياخشى بىلمەيمەن. شۇنداقتىمۇ ئۇنى Windows كومپيۇتېرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

WINDOWS قا ئورنىتىش ۋە ئىشلىتىش

زۆرۈر پروگراممىلارنى چۈشۈرۈش
http://w32tex.org/ دىكى خالىغان بىر HTTP مۇلازىمېتىرى ئېچىپ ئۇنىڭدىن
latex.tar.gz
mftools.tar.gz
web2c-7.5.5-lib.tar.gz
web2c-7.5.5-w32.tar.gz
لارنى كومپيۇتېرنىڭ مەلۇم بىر مۇندەرىجىسىگە چۈشۈرىمىز.
xetex يۇقىرىقى بەتنىڭ سەل ئاستىدىراق بولۇپ، xetex-w32.tar.bz2 نىمۇ ئوخشاش يەرگە چۈشۈرىمىز.

يۇقىرىقىلار پرېسلانغان ھۆججەتلەر بولۇپ، يايغاندا bin، share ياكى share دېگەن مۇندەرىجىلەر ھاسىل بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق مۇندەرىجە بولمىسا بىر قات ئىچكىرىلەپ كىرىپ قاراپ بېقىڭ.

ئورۇنلاشتۇرۇش
قاتتىق دىسكىنىڭ C: ياكى D: رايونىغا (باشقا رايونى بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ). xetex دېگەن مۇندەرىجىدىن بىرنى تۇرغۇزۇپ، يۇقىرىقى بەش ھۆججەتتىن ھاسىل بولغان bin، share نى بىۋاسىتە مۇشۇ يەرگە كۆچۈرىمىز. ئۈستىلەپ يېزىۋاتساق بولۇۋېرىدۇ.
ياكى http://w32tex.org/ دا چۈشەندۈرگەن ئورنىتىش ئۇسۇلى بىلەن ئورناتسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.

سەپلىمە ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىش
xetex\share\texmf-dist\fonts\conf نىڭ ئىچىدىكى fonts.conf ھۆججىتىنى تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ، 24-قۇر ئەتراپىدىكى

c:/windows/fonts
نى تەكشۈرۈپ كۆرىمىز. بۇ يەر چوقۇم كومپيۇتېردىكى فونت ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەرنى كۆرسىتىشى كېرەك.

فونتنىڭ جۇغلانما ھۆججىتىنى ياساش
تۆۋەندىكى مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى DOS نىڭ بۇيرۇق رامكىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
xetex نىڭ پروگراممىلىرىنى ھەرقانداق يەردە تۇرۇپ ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان قىلىش ئۈچۈن، PATH دېگەن مۇھىت ئۆزگەرگۈچىسىگە يېڭى يېڭى بىر ئىزدەش يولىنى قوشىمىز. يەنى

set PATH=%PATH%;C:\xetex\bin
(xetex نى C: دىسكىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئەھۋال. بۇنىڭدا ھەر قېتىم DOS نىڭ بۇيرۇق رامكىسىنى ئاچقاندا بىر قېتىم يۇقىرىقى بۇيرۇقنى يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر Windows نىڭ «كومپيۇتېرىم» —«تەپسىلاتى» دېگەن يەردىن PATH نىڭ قىممىتىگە يېڭى يولنى قوشسىڭىز يۇقىرىقىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

ئاندىن كېيىن

fc-cache -v

بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز. ئەگەر فونتلار جىق بولسا ئازراق ۋاقىت كېتىدۇ.
(UKIJ فونتلىرىنى ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىڭ)

مىسال
ئۇيغۇرئېدىتتا تۆۋەندىكى مەزمۇننى كىرگۈزۈپ(كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىزمۇ بولىدۇ). دىسكىغا uyghur.tex دېگەن ئىسىمدا ساقلاڭ، چوقۇم UTF-8 دە ساقلانسۇن(ساقلىغان ئورۇننى ئەستە تۇتۇۋېلىڭ. ئاندىن شۇ ھۆججەت ساقلانغان يەرگە كىرىپ،

xelatex uyghur.tex

دېگەن بۇيرۇقنى بەرسىڭىز ئوخشاش مۇندەرىجە ئاستىدا uyghur.pdf دېگەن ھۆججەت ھاسىل بولىدۇ.
====================================
\documentclass[11pt]{article}
\begin{document}
\TeXXeTstate=1
\baselineskip=22pt
\font\mawzu=“UKIJ Tuz/B:script=arab“ at 12pt
\font\mezmun=“UKIJ Tuz:script=arab“ at 11pt

\centerline{\beginR\mawzu ئۈستۈن ئاتۇش يېزىلىق مائارىپىنىڭ تور بېكىتى قۇرۇلدى \endR}
\everypar={\setbox0=\lastbox \beginR\mezmun \box0 }

qakmak يازدى ”يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا ،لېكىن مەخسۇس سىستېمىلاشقان مائارىپ تور بولماسلىقى ،بىزنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرغان ئىدى، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۈستۈن ئاتۇش يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سىستېمىلاشقان مائارىپ تور بىتى قۇرۇپ ،تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى، كەڭ تورداشلارنىڭ كىرىپ زىيارەت قىلىشىنى قىممەتلىك تەلەپ -پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھەم تور بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

ئادرېسىمىز : www.uaarif.com

\centerline{\beginR\mezmun 2006-يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى \endR}
\end{document}

======================================
مەن G: دىسكىغا hojjet دەپ مۇندەرىجە ياساپ شۇ يەرگە ساقلىغان.
تۆۋەندىكى مېنىڭ مەشغۇلات جەريانىم.

ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
① ئۇيغۇرچە سولدىن-ئوڭغا يېزىلىدىغان تىل شۇڭا، xetex تە سولدىن-ئوڭغا يېزىشنى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھۆججەتنىڭ ئەڭ بېشىغا
\TeXXeTstate=1
دېگەن قۇرنى يېزىشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.
② فونتنى بەلگىلەيدىغان بۇيرۇقنىڭ تەركىبىگە script=arab نى يېزىش كېرەك. بۇ يېزىلمىسا ھەرپلەر ئۇلانمايدۇ. يەنى فونت تەركىبىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ”Open Type Layout Table“ دىكى ئۇچۇرلار كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

ئاخىرقى سۆز
xetex نى ئىشلىتىپ ئادەتلەنمىگەنلەر، ئەلۋەتتە xetex نى ياخشى كۆرمەيدۇ. بىراق ئۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالسا باشقىسىنى ئىشلەتكۈسى كەلمەيدۇ. xetex فاڭجېڭ مەتبەئە سىستېمىسى، ۋېيفاڭ مەتبەئە سىستېمىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. يەنى بارلىق نەرسىلەرنى بەلگىلەنگەن بۇيرۇق بىلەن ئىپادىلەپ، تېكىستنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈۋېتىمىز، ئاندىن ئۇنى بىر بۇيرۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلساق بەت ھۆججىتى ھاسىل بولىدۇ. xetex ئادەتتە PDF ھۆججىتى ھاسىل قىلىدۇ.

لىناكىس مۇھىتىدا ئورنىتىش بەكمۇ ئوڭاي. tex نىڭ نۇرغۇن نەشرلىرى بار بولۇپ، بۇلارنى ئېھتىياجغا قاراپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەممە يېڭى ئىشلىتىشنى باشلىغانلارغا قۇلايسىز يەرلىرىمۇ بار. بارلىق tex نى ئوز ئىچىگە ئالغان TeX Live بارلىققا كەلدى.
دەبىان ياكى ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدا بۇنى ئورنىتىش ئۈچۈن، تېرمىنالدا تۇرۇپلا

apt-get install textlive-full

بۇيرۇقى بىلەن ئورنىتىشقا بولىدۇ.

ئاندىن UKIJ نىڭ فونتلىرىنى

apt-get install fonts-ukij-uyghur

بۇيرۇقى بىلەن ئورنىتىمىز.
ئاندىن

fc-cache -v

بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز.
بۇلار تاماملانغاندىن كېيىن، يۇقىرىقى مىسالنى بىر ھۆججەتكە ساقلاپ،

xelatex misal.tex

بۇيرۇقىنى كىرگۈزسەك، misal.pdf ھۆججىتى ھاسىل بولىدۇ.

xetex تا ئىشلەتكىلى بولىدىغان فونتلارنىڭ تىزىمىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن

fc-list

بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلدۇرسا بولىدۇ.

يۇقىرىقىلارنىڭ سىزنىڭ xetex نى ئىشلىتىشىڭىزگە تۈرتكە بولۇپ قالغۇسى.

تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن تېخىمۇ گۈزەل بولغان PDF ھۆججىتىنى ياساشقا دائىر ماتېرىيالنى كۆرەلەيسىز.
http://anwarmamat.blogspot.jp/2012/12/uyghur-typesetting-in-latex.html


"يۇنىكودنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان xetex " غا ئىنكاس يوق


    قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

    بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ