archive.org دىكى ساقلىنىپ قالغان تور بەتلىرىنى كومپيوتىرىمىزدا ساقلاش ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن دۇنيا تور غەملىكى http://web.archive.org دىن ئۆزىمىز ساقلاپ قالماقچى بولغان تور بىكىتىنىڭ ئادىرىسىنى كىرگۈزىمىز، ئەگەر ئۈشبۇ تور بىكەت http://web.archive.org دە ساقلانغان بولسا چېسىلانىڭ ئۈسىتگە كىچىك كۆك چەمبىرەك بولىدۇ ، چىكىپ كۆرۈپ بىىقىپ ئەگەر بىز ساقلىماقچى بولغان مەزمۇن بار بولسا چىسلا ۋاقتىنى كۆچۈرۈپ ئىلىۋىلىپ، تور بەتنى چۈشۈرۈش قۇرالىنى ئىشلەتكەندە مەزكۇر چىسىلانى ئىشلەتسەك بولىدۇ.
ئادىرېس سىتوندىكى قىزىل چەمبىرەك ئىچىدىكى چىسىلا 20130120132943 نى كىيىنكى قەدەم باسقۇچتا ئىشلىتىمىز.
تۆۋەندىكى ئادىرىستىن wayback-machine-downloader دىگەن رۇبىي (Ruby) دىگەن پىروگىرامما تېلىدا يىزىلغان قۇرالنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز ، بۇنىڭ ئۈچۈن كومپيوتىرىڭىزدا رۇبىي پىروگىرامما تېلىنىڭ ئىجىرا مۇھىتى ھازىر بولغان بولىشى كىرەك.
رۇبىينىڭ قاچىلاش ئۇسۇلىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ.
https://www.ruby-lang.org/en
رۇبيىنىڭ ئىجىرا مۇھىتى تەييەر بولغاندىن كىيىن ، تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق يۇقارقى wayback-machine-downloader چۈشۈرۈش قۇرۇلىنى قاچىلىلايمىز.
gem install wayback_machine_downloader
مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن، تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق يۇقارقى چىسىلادىكى، چۈشۈرمەكچى بولغان بىكەتنى چۈشۈرىمىز. مىسال ئۈچۈن ugubuntu ئىشلىتىلدى.
wayback_machine_downloader http://ubuntu.com -t 20130120132943
يۇقارقى بۇيرۇقنىڭ ئىجىرا بولىنشى نورمال بولغان ئەھۋالدا ، archive.org دىكى بىز كۆرسىتىپ بەرگەن چېسىلادا ساقلىنىپ قالغان تور بىكىتى يەرلىك مۇندەرجىگە تولۇق چۈشۈپ بولىدۇ.
wayback_machine_downloader نىڭ تىخمۇ كۆپ ئۇچىرىنى ياردەم ئۇچۇرىدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.
wayback_machine_downloader --help
كىيىنكى قىتىملىق تېمىدا يەرلىك مۇھىتتا نورمال كۆرسىتىش ئۇسۇلنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.
قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟