archive.org دىكى ساقلىنىپ قالغان تور بەتلىرىنى يەرلىك مۇھىتتا نورمال كۆرسىتىش ئۇسۇلى

ئالدىنقى تېمىدا archive.org دىكى ساقلىنىپ قالغان تور بەتلىرىنى كومپيوتىرىمىزدا ساقلاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ، بۇ قىتىم كومپيوتىرىمىزدا ساقلانغان تور بەتلىرىنى نورمال كۆرسىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

archive.org نى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىين تور بەتلىرىنى ئىچىپ قارايدىغان بولساق، كۆرنىشى نورمال بولمايدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىقى سەۋەبى تور بەت ئىچىدە ئىشلىتىلگەن، css ھۆججىتى، رەسم ھۆججەتلىرى ۋە باشقا مىدىيە ھۆجەتلىرىنىڭ ئۇلۇنىشى archive.org دىكى ھالىتى بويىچە ساقلىنىپ قالغانلىقتىن بولىدۇ. يەنى http://www.ugubuntu.com چۈشۈرۈلگەندىن كىيىنكى كۆرنىشى تۆۋەندىكىدەك.

Screen Shot 2016-06-19 at 0.14.09

بۇنىڭ سەۋەبى بولسا يۇقۇردا دىيىلگەندەك. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمىدىكى بەتنىڭ مەنبە كودىغا قارايدىغان بولساق رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك css ھۆجىىتىنىڭ مەنبەسى ئەسلىدىكى http://www.ugubuntu.com نى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاسىتىدا يەنى http://www.ugubuntu.com تور بىكىتى يوق بولغان ھالەتتە ئەسلىدە كۆرسەتمەكچى بولغان نەرسىلەرنى تاپالماي، تەبىيلا نورمال كۆرۈنمەيدۇ.

Screen Shot 2016-06-19 at 0.26.50

بۇنى ھەل قلىش ئۇسۇلى بولسا تور بەتتە ئ‍شلىتىلگەن ھەر قايسى ھۆجەتلەرنىڭ مەنبەسىنى http://www.ugubuntu.com دىن ھازىرقى بار بولغان مۇھىتنىڭ ئۇلۇنىشغا ئالماشتۇرۇش. يەنى بۇ مىسالدا http://www.uyghurix.net/ugubuntu غا ئۆزگەرتىسەك ئەسلىدىكى تور بەت نورمال كۆرۈندۇ. بۇنىڭ ئ‍ۈچۈن بارلىق كىگەيتىلمە نامى html بولغان ھۆججەتتىكى http://www.ugubuntu.com نى http://www.uyghurix.net/ugubuntu ئۆزگەرتىمىز. ھەر بىر ھۆججەتنى بىردىن-بىردىن ئىچىپ ئىزدەپ ئالماشتۇرۇش بىرقەدەر ئاۋارچىلىق ، بۇنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن لىناكىستا تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق يۇقارقى ئۇلۇنىشنى ئىزدەش ۋە ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلىپ بارىمىز.

find ./ -name ".html" -print | xargs sed -i 's/ugubuntu.com/uyghurix.net\/ugubuntu/g'

مەنىسى بولسا ھازىرقى مۇندەرجىدىكى (تارماق مۇندەرجىنىمۇ ئۆزئىچگە ئالىدۇ) كىگەيتىلگەن نامى html بولغان ھۆججتىكى ugubuntu.com نى uyghurix.net/ugubuntu غا ئالماشتۇردىن ئىبارەت.

ئالماشتۇرغاندىن كىينكى كۆرنىشى:

Screen Shot 2016-06-19 at 0.49.29

ئەسكەرتىش: بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقوقىغا دەخلى تەرۇس قىلىپ قويۇش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، كۆپچىلىكنى توغرا بولغان يولغا ئىشلىتىشنى ئۈمۈد قىلىمىز.


"archive.org دىكى ساقلىنىپ قالغان تور بەتلىرىنى يەرلىك مۇھىتتا نورمال كۆرسىتىش ئۇسۇلى " غا ئىنكاس يوق


    قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

    بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ