more بۇيرۇقى – بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان ئۇچۇر ياكى تېكىست ھۆججىتىنى بۆلۈپ كۆرسىتىدۇ
more بۇيرىقى بولسا بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان ئۇچۇر ياكى تېكىست ھۆججىتىنى بۆلۈپ كۆرسىتىپ بىرىدىغان بۇيرۇق بولۇپ، cat بولسا ھۆججەتنى كۆرسەتكەندە، ھۆججەتنىڭ ئەڭ ئاخرغىچە ھەممىنى بىراق ئىكرانغا چىقىرۋىتىدۇ، تېكىست ھۆججىتى ئۇزۇن بولسا باش قىسمىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىكرانغا چىقىپ بولغان قىسمىنى قايتا تەكشۈرىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ.
more بولسا ھۆججەتنى بىر ئىكرانغا سىغىدىغان قىسمىنى كۆرسىتىپ بىزنىڭ بۇيرىقىمىزغا ئاساسەن كىيىكى بۆلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. بۇيرۇق شەكلى more نىڭ كەينىگە كۆرمەكچى بولغان ھۆججەت ئىسمىنى كىرگۈزىمىز. يەنى تۆۋەندىكىدەك.
ھۆججەت ئىسىمى more
more /etc/bashrc
ئەگەر بوشلۇق كونۇپكىسىنى باسساق بىر قۇر بىر قۇردىن ، ئىنتىر كونۇپكىسىنى باسساق بىر ئىكران بىر ئىكراندىن كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
مەلۇم بىر بۇيرۇقنىڭ بىزگە بىرىدىغان نەتىجىسى ئىكرانغا سىغمىغۇدەك دەرجىدە ئۇزۇن بولسا | ئارقىلىق بۇيرۇق نەتىجىسىنى more غا بەرسەك بىزگە ئېكرانغا بۆلۈپ چىقىرىپ بىرىدۇ. مەسلەن dmesg بۇيرۇقى كومپيتىرنىڭ قوزغالغان ۋاقىتتىكى ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئشىلتىلدىغان بۇيرۇق بولۇپ، بىرىدىغان نەتىجىسى بىر قەدەر كۆپ ، شۇڭلاشقا ، dmesg | more
ھالەتتە ئىجىرا قىلساق چىققان نەتىجىنى بىر ئازدىن بىر ئازدىن كۆرەلەيمىز.
ئەگەر قۇر سانىنىمۇ چىقارماقچى بولساق cat بىلەن بىرلىكتە ئشىلەتسەك بولىدۇ.
cat -n /etc/bashrc | more
more بۇيرىقىنى ئىجىرا قىلىپ / نىڭ كەينىگە ئۆزىمىز كىرگۈزمەكچى بولغان سۆزنى كىرگۈزسەك بىزگە شۇ سۆزنى تىپىپ بىرىدۇ.
PATH/ يەنى PATH دىگەن سۆزنى ئىزدەيدۇ، تۆۋەندىكىسى ئىزدىگەندىكى نەتىجە:
ئەگەر n كونۇپكىسىنى باسساق كىينكى ئىزدەش نەتىجىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
q كونۇپكىسىنى بىسىش ئارقىلىق more نىڭ ئىجىرا قىلىنىش كۆزنىكىدىن چېكىنىپ چىقىشقا بولىدۇ.
قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟