Lenovo بىر قىسىم خاتىرە كومپيوتىرلىرىغا لىناكىسنىڭ قاچىلىنىشىنى چەكلىگەن

Lenovo يېڭىدىن سىتىشقا باشلىغان خاتىرە كومپيوتىرى Yoga نىڭ BIOS دە ، ئۇبۇنتۇ قاتارلىقى لىناكىسنىڭ قاچىلاشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان چەكلىمە ئورناتقانلىقى مەلۇم بولغان.
ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بىر قىسىم مۇنازىرە مۇنبىرىگە قالدۇرغان مەزمۇنىغا ئاسالانغاندا ، Lenovo Yoga نىڭ يېڭى مودىلدىن باشلاپ windows 10 ئ‍ۆلچەملىك ئورنىتىشىدىمۇ بايقىغىلى بولمايدىغان RAID نى قوللىنىپ ، ئالدىن ئورنتىلغان windows 10 دىن باشقا مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئورناتقىلى بولمايدىغان قىلىپ قويۇلغانلىقىنى ئىيتقان.
بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر بۇ چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇپ Firmware نىڭ قايتىدىن ئورنىتشنى سىناپ كۆرگەن ، ئەمما BIOS دا بۇنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئ‍شىقا ئ‍اشمىغان، يەنە بەزىلەر ھەرقانداق قىلىپمۇ Ubuntu نى ئورنىتالمىغانلىقىنى مەلۇم قىلىغان.
ئىشلەتكۈچىلەر Yoga مودىلىنى مەخسۇس windows 10 نى ئىشلىتىدىغان كومپيوتىر دەپ قاراشنىڭ لازىملىقىنى ئ‍ەگەر باشقا مەشغۇلات سىستىمىسنى ئىشلتىشنى ئ‍ويلاپ بۇ كومپيوتىرنى ئالغاندا خاتالاشقان بولغانلىقىنى باشقا مەشغۇلات سىستىمىنى ئىشلەتمەكچى بولغانلارنىڭ باشقا بىر مەھسۇلاتنى تاللاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىىتقان.


"Lenovo بىر قىسىم خاتىرە كومپيوتىرلىرىغا لىناكىسنىڭ قاچىلىنىشىنى چەكلىگەن " غا 3 ئىنكاسلار

  • تۇرسۇن
    2020-يىل 6-يانۋار (5:52 pm)
    جاۋاپ قايتۇرۇش

    نىمىشقا deepinمەشخۇلات سىستىمىسىدا نىمىشقا Lenovo نوسقىلاش بېسىپ چىقىرىش ئۈسكۈنىللىرىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ؟

  • تۇرسۇن
    2020-يىل 6-يانۋار (5:53 pm)
    جاۋاپ قايتۇرۇش

    كىم چۈشەندۈرۈپ قۇيىدۇ

    • admin
      2020-يىل 6-يانۋار (9:41 pm)
      جاۋاپ قايتۇرۇش

      تۆۋەندىكى تور بەتتىكى لىناكىس مەشغۇلات سېستىمىسى قوللايدىغان پىرىسلاش ئاپىراتىكەن،
      https://haydenjames.io/finding-linux-compatible-printers
      لىنوۋىنىڭ پىرىسلاش ئۈسكۈنىسىنى تازا ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، بەلكىم لىناكىستا ئىشلىتىلىشى كەڭ بولغان ئاپىراتنى قوللىشى مۇمكىن.


قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ