head ۋە tail بۇيرۇقى – تېكىست ھۆججىتىنىڭ باش قىسمى بىلەن ئاخىرىنى كۆرسىتىش

head بۇيرىقى بولسا تېكىست ھۆججىتنىڭ باش قىسىمىدىكى 10 قۇرنى كۆرسىتىدىغان ، tail بۇيرىقى بولسا تېكىست ھۆججىتنىڭ ئاخىرىدىن 10 قۇرنى كۆرسىتىدىغان بۇيرۇق بولۇپ كۆرسىتىدىغان قۇر سانىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

head بۇيرۇقى بولسا << head | بۇيرۇق >> ئارقىلىق باشقا بۇيرۇقنىڭ نەتىجىسىنىڭ باش قىسمىنى كۆرسىتىشتە كۆپ ئىشلىتىلدۇ.

head بۇيرۇقىنىڭ يىزىش شەكىلى:
ھۆججەت ئىسمى [بۇيرۇق تاللانمىسى] head
[بۇيرۇق تاللانمىسى] head | بۇيرۇق

tail بۇيرۇقىنىڭ يىزىش شەكىلى:
ھۆججەت ئىسمى [بۇيرۇق تاللانمىسى] tail
[بۇيرۇق تاللانمىسى] tail | بۇيرۇق

مەسلەن:
head /etc/fstab
head_01

ئەگەر باش قىسمىدىن 5 قۇرلام كۆرسەتمەكچى بولساق تۆۋەندىكىدەك بۇيرۇق ئىجىرا قىلساق بولىدۇ.
head -n 5 /etc/fstab
head_02

<< | >> نى ئىشلىتىش ئارقىلىق باشقا بۇيرۇقنىڭ نەتىجىسىدىن باش قىسمىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بۇيرۇق ئىجرا قىلىساق بولىدۇ.
dmesg | head
head_03

tail بۇيرىقىنىڭ ئىشلتىلىشى head نىڭ ئىشلىتىىشىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ھۆججەت ئاخرىدىكى 10 قۇرنى كۆرسىتىپ بىرىشتە ئىشلىتىلدۇ.
tail /etc/fstab
tail_01

كۆرسىتىپ بىردىغان قۇر سانىنىمۇ ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، تۆۋەندىكىسى بولسا /etc/fstab نىڭ ئاخرىدىكى 5 قۇرنى كۆرسىتىپ بىرىدى.
tail -n 5 /etc/fstab
tail_02

tail بۇيرۇقىنىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى بولسا f- دىگەن قوشۇمچىنى قوشۇش ئارقىلىق ھۆججەتكە يىزىلۋاتقان ئۇچۇرلارنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كۆرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ. سىېستىمدا مەسىل كۆرۈلگەندە ھازىرقى مۇشۇ پەيىتتە قاندا ئۇچۇرلارنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش دىگەندەك ئورۇنلاردا ئىشىلىتىلىپ مەسىلە بار ئورۇننى تىپىپ چىقىشتا كۆپ ئشىلىتىلدۇ.
تۆۋەندە /var/log/messages غا يىزىلۋاتقان ئۇچۇرنى شۇ پەيىتنىڭ ئۆزىدە كۆرۈپ باقايلى، /var/log/messages نى كۆرۈش ئۈچۈن سىزدە باشقۇرغۇچىلىق ھوقوقى يەنى root ھوقوقى بولمىسا بولمايدۇ.
tail_03

Ctrl +C كونۇپكىسنى بىسىش ئارقىلىق مەزكۇر بۇيرۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ.


"head ۋە tail بۇيرۇقى - تېكىست ھۆججىتىنىڭ باش قىسمى بىلەن ئاخىرىنى كۆرسىتىش " غا 2 ئىنكاسلار

  • كاۋىچى
    2016-يىل 15-ئۆكتەبىر (10:57 am)
    جاۋاپ قايتۇرۇش

    مەن پروگراممىلارنى سازلىغان(debug) ۋاقتىمدا
    tail -f
    نى بەك كۆپ ئىشلىتىمەن. يەنە nginx مۇلازىمىتىنىڭ ئىشلەش ئەھۋالىنى كۆزىتىشتىمۇ بۇنى ئىشلىتىمەن.

  • admin
    2016-يىل 15-ئۆكتەبىر (5:13 pm)
    جاۋاپ قايتۇرۇش

    less +F نى ئىشلەتسەكمۇ ئوخشاش مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.
    مەسلەن :
    less +F /var/log/syslog


قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ