قانچىلىك دىسكا بوشلۇقى قالغانلىقىنى تەكشۈرۈش

دىسكىدا قالغان بوشلۇقنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن Disk Usage Analyzer ياكى سىستېما كۆزەتكۈچى نى ئىشلەتسە بولىدۇ.

دىسكا ئىشلىتىش تەھلىلچىنى ئىشلىتىپ تەكشۈرۈش

دىسكا ئىشلىتىش تەھلىلچىدە ئىشلىتىلىشچان دىسكا بوشلۇقى ۋە دىسكا سىغىمىنى تەكشۈرۈشتە:

  • باش تاختا ئارقىلىق Disk Usage Analyzer نى ئاچىسىز. كۆزنەكتە ھۆججەت سىستېمىسىنىڭ جەمئىي سىغىمى ۋە ئىشلىتىلگەن جەمئىي ھۆججەت سىستېمىسى كۆرسىتىلىدۇ.

  • قورال بالداقتىكى ماكاننى تەكشۈر، ھۆججەت سىستېمىسىنى تەكشۈر ياكى يىراقتىكى قىسقۇچنى تەكشۈر نى چېكىسىز.

ئۇچۇر قىسقۇچ ،ئىشلىتىلىشى، چوڭلۇقى ۋە مەزمۇنى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە كۆرۈنىدۇ. ئەگەر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز دىسكا ئىشلىتىشنى تەھلىل قىلغۇچتىن كۆرۈڭ.

سىستېما كۆزەتكۈچتە تەكشۈرۈش

سىستېما كۆزەتكۈچتە ئىشلىتىلىشچان دىسكا بوشلۇقى ۋە دىسكا سىغىمىنى تەكشۈرۈشتە:

  1. باش تاختا دىن پروگرامما سىستېما كۆزەتكۈچىسى نى ئاچىسىز.

  2. سىستېمىدىكى رايونلارنى(دىسكا رايونلىرى) نى ۋە دىسكىدىكى بوشلۇقلارنى كۆرۈش ئۈچۈن، ھۆججەت سىستېمىسى بەتكۈچىنى تاللايسىز. ئۇچۇرلار جەمئىي، بىكار، بارى ۋە ئىشلىتىلگىنى دېگەن تەرتىپتە كۆرۈنىدۇ.

دىسكا توشۇپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەگەر دىسكا توشۇپ كەتكەندە قىلىدىغان ئىشلار:

  • مۇھىم بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئىشلەتمەيدىغان ھۆججەت ۋە پروگراممىلارنى ئۆچۈرۈڭ.

  • بىر مەزگىل ئىشلەتمەيدىغان مۇھىم ھۆججەتلىرىڭىزدىن زاپاسلاپ بولغاندىن كېيىن قاتتىق دىسكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىڭ.