قاتتىق دىسكىدىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش

قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرۈش

قاتتىق دىسكىدا ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرىدىغان پروگرامما SMART (Self-Monitoring, Analysis, and Reporting Technology ئۆزىنى تەكشۈرۈش، تەھلىل قىلىش ۋە مەلۇم قىلىش تېخنىكىسى دېگەننىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر)بار. ئۇ قاتتىق دىسكىدىكى يوشۇرۇن مەسىلىلەرنى توختىماستىن تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر قاتتىق دىسكىدا مەسىلە كۆرۈلسە، SMART ئىشلەتكۈچىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، سانلىق-مەلۇماتلارنىڭ يوقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

گەرچە SMART ئاپتوماتىك ئىجرا بولسىمۇ، دىسكا قورالى پروگراممىسى ئارقىلىق قاتتىق دىسكىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.

دىسكىنىڭ سالامەتلىكىنى دىسكا قورالى( Disk Utility) نى ئىشلىتىپ تەكشۈرۈش

  1. باش تاختا دىن پروگرامما دىسكا قورالى نى ئاچىسىز.

  2. تەكشۈرمەكچى بولغان دىسكىنى ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى تىزىمىدىن تاللايسىز. دىسكا ئۇچۇرلىرى ۋە ھالەت ئۇچۇرلىرى قوزغاتقۇچ ئاستىدا كۆرۈنىدۇ.

  3. SMART ھالىتى دە «دىسكا ساغلام» دەپ كۆرۈنىدۇ.

  4. تېخىمۇ كوپ ئۇچۇرلارنى كۆرۈش ياكى ئۆزىنى سىناش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن SMART سانلىق-مەلۇماتى توپچىسىنى چەكسىڭىز بولىدۇ.

دىسكا سالامەت بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەگەر SMART ھالىتىدە دىسكا ساغلام ئەمەس دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنسىمۇ، ئاگاھلاندۇرۇش چىقماسلىقى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ سانلىق-مەلۇماتلارنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زاپاسلاش قا تەييارلىق قىلغان ياخشى.

ئەگەر ھالەتتە «Pre-fail» دەپ كۆرۈنسە، دىسكا ئاساسىي جەھەتتىن ساغلام بىراق، بىر مەزگىلدىن كېيىن خاتالىق كۆرۈلۈش ئېھتىماللىق بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قاتتىق دىسكا ياكى كومپيۇتېرنى سېتىۋالغىلى بىر نەچچە يىل بولغان بولسا، ھەم بىر قانچە قېتىملىق تەكشۈرۈشتە بۇ خىلدىكى ئۇچۇرنى كۆرگەن بولسىڭىز، سىز چوقۇم مۇھىم ھۆججەتلەرنى قەرەللىك زاپاسلاپ تۇرۇشىڭىز كېرەك ۋە دىسكا ھالىتىنى پات-پات تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ.

ئەگەر دىسكىنىڭ سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلاپ كەتسە، كومپيۇتېر/قاتتىق دىسكىنى بىرەر كەسپىي خادىمغا كۆرسىتىپ تەكشۈرتۈپ باقسىڭىز ياكى رېمونت قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ.