قاتتىق دىسكىنىڭ ئۈنۈمىنى سىناش

قاتتىق دىسكىنىڭ تېزلىكىنى سىناش ئۈچۈن:

  1. باش تاختا تىن پروگرامما دىسكا قورالى نى ئاچىسىز.

  2. ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى تىزىمىدىن قاتتىق دىسكىنى چېكىڭ. دىسكا ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ ۋە قوزغاتقۇچ نىڭ ئاستىدا ھالىتى كۆرۈنىدۇ.

  3. Benchmark نى تاللايسىز.

  4. دىسكىدىن ئوقۇش تېزلىكى قانچىلىك بىلمەكچى بولسىڭىز ئوقۇشنى ئۆلچەملىك تەكشۈرۈشنى باشلا نى چېكىسىز، ئەگەر ئوقۇش ۋە يېزىش تېزلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئوقۇش/يېزىشنى ئۆلچەملىك تەكشۈرۈشنى باشلا چېكىسىز. كېيىنكىسى ئۈچۈن ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدۇ.

سىناق ئاخىرلاشقاندا، ئەگەر نەتىجە گىرافىكتا كۆرۈنسە، يېشىل نۇقتا ۋە باغلىنىش سىزىقى نۇسخا ئېلىشنى ئىپادىلەيدۇ؛ ئوڭ تەرەپتىكى كوردىناتقا ماسلاشقىنى ساقلانغان ۋاقتى، تۆۋەندىكى كوردىنات ئۈنۈم سىنىقى بېسىپ ئۆتكەن پىرسەنتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. كۆك سىزىق ئوقۇش نىسبىتى، قىزىل سىزىق يېزىش نىسبىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ سول تەرەپتىكى كوردىنات سانلىق مەلۇماتنى ساقلاش نىسبىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دىسكىدىن ئېغىش پىرسەنتىگە ماس كېلىدۇ، تەگلىكنى بويلىغان كوردىنات دىسكىنىڭ سىرتقى گىرۋىكىدىن مەركىزىگىچە بولىدۇ.

گرافىكنىڭ ئاستىدىكى قىممەتلەر، ئەڭ كىچىك، ئەڭ چوڭ ۋە ئوتتۇرىچە ئوقۇش ۋە يېزىش تېزلىكىنى، ئوتتۇرىچە زىيارەت ۋاقتىنى ۋە ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئۆلچەملىك تەكشۈرۈشتىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.