مۇھىم ھۆججەتلەرنى زاپاسلاش
زاپاسلاش مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ھۆججەتلىرىڭىزنى بىخەتەر بولغان ئورۇندا ساقلاش دېگەنلىكتۇر. ئەسلىدىكى ھۆججەتنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشى ياكى يوقاپ كېتىش سەۋەبلىك ئىشلەتكىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان ئەھۋالنى ئويلىشىپ ئىلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ ، بۇ زاپاس ھۆججەتلەرنى ئەسلىدىكى ھۆججەت يىتىپ كەتكەندە ئورنىغان ئىشلىتىشكە بولىدۇ. كۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەر ئەسلىدىكى ھۆججەتتىن باشقا ئۈسكۈنىگە ساقلىنىشى كېرەك. مەسىلەن USB دىسكىسى، سىرتقى قاتتىق دىسكا، CD/DVD، ياكى ئەسلىدىكى ئورۇندىن ئايرىپ ساقلاش مۇلازىمىتى.
ھۆججەتلەرنى قەرەللىك زاپاسلاپ تۇرۇش ۋە ئۇلارنى تورسىز يەردە شىفىرلاپ ساقلاش ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر.