دىسكا ۋە دىسكا رايونلىرىنى باشقۇرۇش

دىسكا(volume) دېگەن سوز ساقلاش ئۈسكۈنىسىنى يەنى قاتتىق دىسكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا ئۇ شۇ ساقلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ بىرەر بۆلىكىنىمۇ كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ساقلاش ئۈسكۈنىسىنى پارچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ. كومپيۇتېردا بۇ ساقلىغۇچلارنى ئېگەرلەش(mounting) ئارقىلىق ھۆججەت سىستېمىسى ئارقىلىق زىيارەت قىلغىلى(ئوقۇغىلى ۋە يازغىلى) بولىدۇ. قاتتىق دىسكا، USB دىسكىسى، DVD-RW، SD كارتىلىرى ۋە باشقا ۋاسىتە كارتىلىرىنى ئېگەرلەشكە بولىدۇ. ئەگەر بىرەر دىسكا(volume) ئېگەرلەنگەن بولسا، ئۇنىدىكى ھۆججەتلەرنى ئوقۇشقا(يېزىشقىمۇ) بولىدۇ.

كۆپ ھاللاردا ئېگەرلەنگەن دىسكىلار رايون(partition) دەپ ئاتىلىدۇ(ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى ئوخشاش نەرسە دەپ قاراشقا بولمىسىمۇ). «رايون» ئادەتتە دىسكىدىكى مەلۇم فىزىكىلىق ساقلاش رايونى(بۆلىكى)نى كۆرسىتىدۇ. رايون ئېگەرلەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇستىدىكى ھۆججەتلەرنى زىيارەت قىلغىلى بولغاچقا ئۇنى دىسكا(volume) دەپ قاراشقا بولىدۇ.

دىسكا قورالى ئارقىلىق دىسكىلارنى ۋە رايونلارنى كۆرۈش ۋە باشقۇرۇش

كومپيۇتېردىكى ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى(دىسكىلارنى) تەكشۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن دىسكا قورالىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

  1. باش تاختا نى ئېچىپ دىسكا قورالى نى ئىجرا قىلىسىز.

  2. تاختىدىكى ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى دەپ بەلگە قويۇلغان يەردە، قاتتىق دىسكىلار، CD/DVD قوزغاتقۇچلىرى ۋە باشقا فىزىكىلىق ئۈسكۈنىلەر بار. مەشغۇلات قىلماقچى بولغاننى تاللاڭ.

  3. ئوڭ كۆزنەكچىدىكى دىسكىلار دېگەن يەردە بارلىق دىسكىلارنى ۋە تاللانغان دىسكىدىكى بارلىق رايونلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ. بۇ يەردە يەنە بۇ دىسكىلارنى باشقۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان ھەر خىل قوراللارمۇ بار.

    دىققەت: مەزكۇر قوراللار ئارقىلىق دىسكىدىكى بارلىق سانلىق-مەلۇماتلارنى تولۇق ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولىدۇ.

كومپيۇتېرىڭىزدا ئاز دېگەندە بىر دانە ئاساسىي رايون ۋە بىر swap رايونى بولىدۇ. swap رايونىنى مەشغۇلات سىستېمىسى ئەسلەك باشقۇرۇشتا ئىشلىتىدۇ ۋە ئادەتتە ئېگەرلەنمەيدۇ. ئاساسىي رايوندا مەشغۇلات سىستېمىسى، پروگراممىلار، تەڭشەكلەر ۋە شەخسىي ھۆججەتلەر ساقلىنىدۇ. بىخەتەر ۋە قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈن بۇ ھۆججەتلەرنى بىر قانچە دىسكا رايونىغا تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

بىر ئاساسىي رايوندا كومپيۇتېرنى قوزغىتىشقا زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلار بولۇشى ياكى boot بولۇشى كېرەك. شۇ سەۋەبتىن ئادەتتە ئاساسىي رايون قوزغىتىش رايونى ياكى قوزغىتىش دىسكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرەر دىسكىنىڭ قوزغىتىش دىسكىسىمۇ ئەمەسمۇ بىلىش ئۈچۈن دىسكا قورالىدىكى (disk utility) رايون بەلگىسى(Partition Flags) قارىسا بولىدۇ. سىرتقى دىسكىلار يەنى USB دىسكىسى ۋە CD لارمۇ قوزغىتىش دىسكىسى بولالايدۇ.