چىقىش، توكنى ئۈزۈش، ئىشلەتكۈچى ئالماشتۇرۇش

كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ بولغاندا، ئۇنى تاقىسىڭىز، توڭلىتىپ قويسىڭىز ياكى چىقىپ شۇ پېتى قويۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.

چىقىش ياكى ئىشلەتكۈچى ئالماشتۇرۇش

باشقىلار كومپيۇتېرىڭىزنى ئىشلەتمەكچى بولغاندا، سىز چىقىپ تۇرسىڭىز ياكى سىز كىرگەن ھالەتتە ئىشلەتكۈچى ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئىشلەتكۈچى ئالماشتۇرسىڭىز، سىزنىڭ ئىجرا قىلدۇرۇۋاتقان پروگراممىلىرىڭىز شۇ پېتى تۇرۇپ تۇرىدۇ، قايتا كىرگەندە يەنە داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز.

چىقىش ياكى ئىشلەتكۈچى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈستى تاختاينىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىستېما تىزىملىكى دىن مۇۋاپىق بىرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

ئېكراننى قۇلۇپلاش

ئەگەر كومپيۇتېرنىڭ يېنىدىن قىسقا ۋاقىت ئايرىلماقچى بولسىڭىز، ئېكراننى قۇلۇپلاپ قويۇڭ، بولمىسا باشقىلار ھۆججەتلىرىڭىز كۆرۈپ، پروگراممىلارنى ئىجرا قىلىۋالىدۇ. قايتىپ كەلگەن ۋاقتىڭىزدا ئىمنى كىرگۈزسىڭىزلا يەنە ئەسلىدىكى يەردىن باشلاپ ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرالايسىز. ئەگەر ئېكراننى قۇلۇپلىمىسىڭىز، بەلگىلىك ۋاقىت ئۆتسە ئاپتوماتىك قۇلۇپلىنىدۇ.

ئېكراننى قۇلۇپلاش ئۈچۈن، يۇقىرى تاختىدىكى سىستېما تىزىملىكى نى چېكىپ، ئۇنىڭدىن ئېكراننى قۇلۇپلاش نى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

ئېكران قۇلۇپلاقلىق ۋاقىتتا، باشقا ئىشلەتكۈچى ئىشلەتكۈچى ئالماشتۇرۇش نى چېكىش ئارقىلىق ئۆز ھېساباتىدا كىرەلەيدۇ. ئۇلار ئىشنى تۈگىتىپ بولغاندا، سىز يەنە ئۆزىڭىزنىڭكىنى داۋاملاشتۇرالايسىز.

توڭلات

توك تېجەش ئۈچۈن، ئىشلەتمىگەن ۋاقىتتا كومپيۇتېرىڭىزنى توڭلىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر يان كومپيۇتېر ئىشلەتسىڭىز ئېكراننى ياپقاندا ئۇبۇنتۇ ئۆزلۈكىدىن توڭلىتىدۇ. توڭلىتىلغاندا نۆۋەتتىكى ھالەت كومپيۇتېرنىڭ ئەسلىكىگە ساقلىنىپ، كومپيۇتېرنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىنىڭ توك مەنبەسى ئۈزۈلىدۇ. توڭلىتىلغاندا ئىنتايىن ئاز توك سەرپ قىلىنىدۇ.

كومپيۇتېرىڭىزنى قولدا توڭلىتىش ئۈچۈن، تىزىملىك بالداقتىكى سىستېما تىزىملىكى نى چېكىپ، ئۇنىڭدىن توڭلات نى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

توكنى ئۈزۈش ياكى قايتا قوزغىتىش

ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزنىڭ توكىنى تولۇق ئۈزمەكچى ياكى تولۇق قايتا قوزغاتماقچى بولسىڭىز، سىستېما تىزىملىكى دىن تاقا نى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر باشقا ئىشلەتكۈچى كىرىپ ئىشلىتىۋاتقان بولسا، توكنى ئۈزگىلى ياكى قايتا قوزغاتقىلى بولمايدۇ. بولمىسا ئۇلارنىڭ ئەڭگىمەسىمۇ ئاخىرلىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر سىز باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىگە ئىگە ئىشلەتكۈچى بۆلىسىڭىز، توكنى ئۈزۈش ئۈچۈن سىزدىن ئىم سورايدۇ.