كۆرسەتكۈچ ھالەت تىزىملىكىنى ئىشلىتىپ پروگراممىلارنى ۋە تەڭشەكلەرنى باشقۇرۇش
تىزىملىك بالداقنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، ئۇبۇنتۇنىڭ نۇرغۇن كۆرسەتكۈچ تىزىملىكلىرى بار. كۆرسەتكۈچ تىزىملىكلىرى كومپيۇتېر ۋە پىروگراممىنىڭ ھالىتىنى تەكشۈرىدىغان، تۈزىتىدىغان ئورۇندۇر. بەزى كۆرسەتكۈچ تىزىملىكلىرى تۆۋەندىكىچە:
-
ئۇچۇر تىزىملىكى
ئېلخەت، ئىجتىمائىي تور، ئىنتېرنېت مۇڭداشقۇ قاتارلىقلاردىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىش ۋە شۇ پروگراممىلارنى ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ.
-
توكدان تىزىملىكى
يان كومپيۇتېرىڭ توكداننىڭ توكلىنىش ئەھۋالىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر توكدان يوق بولسا، بۇ تىزىملىك كۆرۈنمەيدۇ.
-
كۆكچىش تىزىملىكى
كۆكچىش ئارقىلىق ھۆججەتنى ئەۋەتىش ياكى قوبۇل قىلىش. ئەگەر ئىشلەتكىلى بولىدىغان كۆكچىش ئۈسكۈنىسى بولمىسا، بۇ تىزىملىك كۆرۈنمەيدۇ.
-
تور تىزىملىكى
بۇ تىزىملىك سىملىق، سىمسىز، يۆتكەلمە، ۋە VPN تورلىرىغا باغلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
-
ئۈن تىزىملىكى
بۇ تىزىملىك ئاۋاز مىقدارىنى بەلگىلەش، ئۈنتەڭشىكى نى تەڭشەش، ۋە Rhythmbox غا ئوخشاش ۋاسىتە قويۇش پروگراممىلىرىنى باشقۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
-
سائەت
ھازىرقى ۋاقىت ۋە چېسلانى كۆرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
-
ئىشلەتكۈچى تىزىملىكى
ئىمىڭىزنى، تىلىڭىزنى ياكى كىرىش كۆزنىكىدىكى رەسىمنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، بۇنى ئىشلىتىڭ. بۇ ئارقىلىق يەنە، چىقىپ كەتمەي تۇرۇپلا باشقا ئىشلەتكۈچىگە ئالمىشىشقىمۇ بولىدۇ.
-
سىستېما تىزىملىكى
بۇ سىستېما تەڭشىكى گە كىرىش، ئېكراننى قۇلۇپلاش، چىقىش، كومپيۇتېرنى توڭلىتىش، قايتا قوزغىتىش ياكى تاقاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
بەزى كۆرسەتكۈچ تىزىملىكلىرى پروگراممىنىڭ ھالىتىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ.
باشقا پروگراممىلار، يەنى Tomboy ياكى Transmission غا ئوخشاش پروگراممىلارمۇ تاختىغا كۆرسەتكۈچ تىزىملىكلىرىنى قوشىدۇ.
More Information
- ئۇبۇنتۇ ئۈستەلئۈستى قوللانمىسى — ئۇبۇنتۇ ئۈستەلئۈستى قوللانمىسى