كومپيۇتېرنى قانداق ئۈچەككە كىرگۈزىمەن؟

كومپيۇتېرنى ئۆچەك ۋاقىتتا سىزنىڭ ھەممە پروگراممىلىرىڭىز ۋە ھۆججەتلىرىڭىز ئوچۇق ھالەتتە تۇرىدۇ(ئەمەلىيەتتە دىسكىغا ساقلانغان بولىدۇ) شۇنداقلا كومپيۇتېر تولۇق ئۆچكەن بولىدۇ. كومپيۇتېر ھېچقانداق توك سەرپ قىلمايدۇ. ئۆچۈرگەنگە ئوخشايدۇ، بىراق كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا سىزنىڭ پروگراممىلىرىڭىز ۋە ھۆججەتلىرىڭىز ئوچۇق ھالەتتە بولىدۇ.

ئۇبۇنتۇدا ئۆچەكنى ياخشى قوللىمايدۇ، بەزى كومپيۇتېرلاردا قايتا ئاچقاندا پىروگرامما ۋە ھۆججەتلەرنى نورمال ئەسلىگە كەلتۈرەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا Ubuntu 12.04 LTS دا كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا ئۆچەك ھالىتى چەكلىنىدۇ.

ئۆچەك ھالەتنى ئىشلەيدىغان ياكى ئىشلىمەيدىغانلىقىنى سىناش

ئۆچەككە كىرگۈزۈشتىن ئىلگىرى ئىشلىرىڭىزنى ساقلاشنى ئۇنۇتماڭ

مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كومپيۇتېرنى قايتا ئاچقاندا ئوچۇق پروگراممىلىرىڭىز ۋە ھۆججەتلىرىڭىز ئەسلىگە كەلمەي قىلىش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۈچەك/توڭلىتىش ھالىتىگە ئۆتۈشتىن بۇرۇن قىلىۋاتقان بارلىق خىزمەتلىرىڭىزنى چوقۇم ساقلاپ قويۇڭ.

تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىپ كومپيۇتېرىڭىزدا ئۆچەك ھالىتىنىڭ ئىشلەيدىغان ياكى ئىشلىمەيدىغانلىقىنى سىنىيالايسىز.

  1. Ctrl+Alt+t نى بېسىپ ياكى باش تاختا دا terminal نى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ تېپىپ، پروگرامما تېرمىنال نى ئىجرا قىلىسىز.

  2. تېرمىنال كۆزنىكىدە sudo pm-hibernate نى كىرگۈزۈپ Enter كۇنۇپكىسىنى باسىسىز.

    كۆرسەتمە كۆرۈنگەندە ئىمنى كىرگۈزىسىز.

  3. كومپيۇتېر تاقالغاندا، ئۇنى قايتا ئاچقاندا ئەسلىدىكى ئوچۇق پىروگراممىلار قايتىدىن ئېچىلدىمۇ؟

    ئەگەر ئۆچەك ئىشلىمىسە، swap رايوننىڭ چوڭلۇقىنىڭ RAM دىن چوڭ ياكى تەڭ ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈڭ.

ئۈچەكنى قوزغىتىش

ئەگەر ئۆچەك ھالىتىنى سىناش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ئۆچەك ھالىتىگە كىرگۈزۈشتە تېرمىنالدا sudo pm-hibernate بۇيرۇقىنى ئىشلىتىڭ.

تىزىملىكتىكى ئۆچەك تاللانمىسىنى قوزغاتسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەتىن تەھرىلىگۈچتە /etc/polkit-1/localauthority/50-local.d/com.ubuntu.enable-hibernate.pkla ھۆججەتنى قۇرۇپ تۆۋەندىكى مەزمۇننى كىرگۈزۈپ ساقلاڭ:

[Re-enable hibernate by default]
Identity=unix-user:*
Action=org.freedesktop.upower.hibernate
ResultActive=yes