ئېكران ئۆزىنى ئىنتايىن تېزلا قۇلۇپلىۋالىدۇ

ئەگەر كومپيۇتېرنى بىر قانچە مىنۇت قويۇپ قويسىڭىز ، ئېكران ئاپتوماتىك ھالدا ئۆزىنى ئىنتايىن تىزلا قۇلۇپلىۋالىدۇ ھەمدە قايتا ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈن سىزدىن ئىمنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ بىخەتەرلىك يۈزىسىدىن( كومپيۇتېرنى قويۇپ قويسىڭىزمۇ باشقىلار قالايمىقانچىلىق قىلالمايدۇ دېگەنلىك)، ئەگەر ئېكراننىڭ قۇلۇپلىنىش بەكلا تىز بولسا ئادەمنى بىزار قىلىپ قويىدۇ.

ئېكراننى ئاپتوماتىك قۇلۇپلاشتىن ئىلگىرى ئۇزۇنراق كۈتۈشتە:

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. يورۇقلۇق ۋە قۇلۇپلاش نى چېكىسىز.

  3. ئېكراننى قۇلۇپلاش ئۈچۈن ساقلاش ۋاقتى دېگەن كېڭىيىشچان تىزىملىكتىكى ۋاقىتنى ئۆزگەرتىڭ.

ئەگەر سىز ئېكراننىڭ ئاپتوماتىك ھالدا ئۆزىنى قۇلۇپلىۋېلىشىنى خالىمىسىڭىز، قۇلۇپلا نى ئېتىۋەتسىڭىز بولىدۇ.