ئېكراننى ئاپتوماتىك قۇلۇپلاش

كومپيۇتېرنىڭ يېنىدىن نېرى كېتىدىغان چاغدا چوقۇم ئەركاننى قۇلۇپلاش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئۈستەلئۈستىنى ئىشلىتىۋېلىشى ۋە ھۆججەتلەرنى كۆرۈۋېلىشىدىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك. بۇ ۋاقىتتا سىز يەنىلا كىرگەن ھالەتتە تۇرۇۋېرىسىز، پروگراممىلىرىڭىزمۇ ئىجرا بولۇۋېرىدۇ. پەقەت قايتا ئىشلىتىدىغان چاغدا ئىمنى كىرگۈزۈشىڭىز كېرەك. ئېكراننى قولدا قۇلۇپلىغىلىمۇ، ئاپتوماتىك قۇلۇپلىنىدىغان قىلغىلىمۇ بولىدۇ.

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. يورۇقلۇق ۋە قۇلۇپلاش نى تاللايسىز.

  3. قۇلۇپ ئوچۇق ھالەتكە تەڭشىگەنلىكىڭىزنى جەزملەپ ئاندىن ئاستىدىكى تارتما تىزىمدىن مۆھلىتىنى تاللاڭ. ئېكران سىز مەشغۇلاتنى توختاتقاندىن كېيىن مەزكۇر ۋاقىتتىن ئاشسا ئۆزلۈكىدىن قۇلۇپلىنىدۇ. سىز يەنە ئاكتىپ بولمىغاندا ئېكراننى تاقا نى تاللاپ ئېكران ئۆزلۈكىدىن تاقالغاندىن كېيىن ئېكراننى قۇلۇپلىيالايسىز.

ئەركاننى شۇ ھامان قۇلۇپلاش ئۈچۈن، تىزىملىك بالداقنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىپ، ئېكراننى قۇلۇپلا نى تاللىسىڭىز ياكى Ctrl+Alt+L كۇنۇپكىلارنى باسسىڭىز بولىدۇ.