يۆتكىلىشچان دىسكىدىكى ھەممە نەرسىنى يۇيۇۋېتىش

بەزىدە يۆتكىلىشچان دىسكا يەنى USB دىسكىسى ياكى سىرتقى قاتتىق دىسكا دېگەندەكلەرنىڭ ئىچىدىكى ھەممە ھۆججەتنى يۇيۇۋېتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. بۇنى پىچىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دىسكا ئۇستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر ئۆچۈرۈلۈپ دىسكا قۇپقۇرۇق ھالەتكە كېلىدۇ.

يۆتكىلىشچان دىسكىنى پىچىش

  1. باش تاختا دىن پروگرامما دىسكا قورالى نى ئاچىسىز.

  2. ساقلاش ئۈسكۈنىسى تىزىمىدىن يۇماقچى بولغان دىسكىنى تاللاڭ.

    تاللىغان دىسكا توغرىمۇ قايتا-قايتا تەكشۈرۈڭ! ئەگەر خاتا تاللاپ قويسىڭىز دىسكا ئۇستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر ئۆچۈرۈلۈپ كېتىدۇ.

  3. دىسكىلار بۆلىكىدىن دىسكىنى ئېگەرسىزلە نى چېكىپ، ئارقىدىن دىسكىنى پىچ نى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

  4. قاڭقىش كۆزنىكىدە دىسكا ئۈچۈن ھۆججەت سىستېما تىپىنى تاللاڭ.

    دىسكىنى Windows ۋە Mac OS مۇھىتىدا شۇنداقلا لىنۇكىس مۇھىتىدا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز FAT نى تاللاڭ. ئەگەر يالغۇز Windows مۇھىتىدىلا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى NTFS نى تاللاڭ. ھۆججەت سىستېمىسى تىپىھەققىدىكى ئاددىي چۈشەندۈرۈش ئەن سۈپىتىدە كۆرۈنىدۇ.

  5. دىسكىغا ئات قويۇپ پىچ نى چەكسىڭىز دىسكا يۇيۇلۇشقا باشلايدۇ.

  6. پىچىش تاماملانغاندىن كېيىن بىخەتەر چىقارسىڭىز بولىدۇ. دىسكا قۇرۇق ھالەتكە كەلگەن بولۇپ ئىشلىتىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.

دىسكا فورماتلانغاندا دىسكىدىكى ھۆججەتلەر بىخەتەر ئۆچۈرۈلمەيدۇ

دىسكىنى پىچىش دىسكىدىكى ھۆججەتلەرنى بىخەتەر ئۆچۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى ئەمەس. دىسكا پىچىلغاندا گەرچە دىسكىدا ھېچ نەرسە كۆرۈنمىگەن بىلەن، ئالاھىدە ئىشلەنگەن يۇمشاق دېتاللار ئىشلىتىلسە ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئەگەر دىسكىدىكى ھۆججەتلەرنى بىخەتەر ئۆچۈرۈش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا بۇيرۇق قۇرىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان shred قورالىنى ئىشلىتىڭ.