باشقا يۇمشاق دېتاللارنى ئورنىتىش
ئۇبۇنتۇ ئىجادىيەت ئەترىتى كۈندىلىك ئىشلاردا ئىنتايىن كېرەكلىك دەپ قارىغان بىر توپ پروگراممىنى تاللاپ ئۇبۇنتۇغا قوشۇپ تارقاتقان. شۇنداقتىمۇ، بەزىدە باشقا پروگراممىلارنى ئورنىتىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىدىن چىققۇڭىز كېلىدۇ.
باشقا يۇمشاق دېتاللارنى ئورنىتىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئالدى بىلەن سىمسىز ياكى سىملىق باغلىنىش ئارقىلىق ئىنتېرنېتقا باغلىنىسىز.
ئىجراچىدىكى ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى سىنبەلگىسىنى چېكىسىز، ياكى باش تاختا نىڭ ئىزدەش بالدىقى ئارقىلىق «ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى» نى ئىزدەيسىز.
‹يۇمشاق دېتال مەركىزى› قوزغالغاندىن كېيىن، پروگراممىنى ئىزدەيسىز ياكى مەلۇم بىر كاتېگورىيەنى تاللاپ، تىزىمدىن پروگراممىنى تاپىسىز.
تېپىلغان پروگراممىنى تاللاپ ئورنات نى باسىسىز.
بۇ چاغدا سىزدىن ئىم سورايدۇ. ئىمنى كىرگۈزۈپ بولغان ھامان، ئورنىتىش باشلىنىدۇ.
ئادەتتە ئورنىتىش بىردەمدىلا تۈگەيدۇ، بىراق ئىنتېرنېت سۈرىتى ئاستا بولسا، جىقراق ۋاقىت كېتىدۇ.
A shortcut to your new app will be added to the launcher. To disable this feature, uncheck View ◂ New Applications in Launcher.
More Information
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
- تېخى ئالىي دەرىجىلىك يۇمشاق دېتال باشقۇرۇش ئۈچۈن Synaptic نى ئىشلىتىش — Synaptic ئىقتىدارى كۈچلۈك ھەمدە مۇرەككەپ بولغان يۇمشاق دېتال باشقۇرۇش پىروگراممىسى، ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
- پروگرامما چىقىرىۋېتىش — ئىشلەتمەيدىغان يۇمشاق دېتالنى چىقىرىۋېتىش