پروگرامما چىقىرىۋېتىش

Ubuntu يۇمشاق دېتال مەركىزى سىزنى ئىشلەتمەيدىغان يۇمشاق دېتالنى ئاسانلا چىقىرىۋېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  1. ئىجراچىدىكى ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى سىنبەلگىسىنى چېكىسىز، ياكى باش تاختا نىڭ ئىزدەش بالدىقى ئارقىلىق «ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى» نى ئىزدەيسىز.

  2. «ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى» ئېچىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى تەرەپتىكى ئورنىتىلغانلىرى دېگەن توپچىنى چېكىسىز.

  3. ئۆچۈرمەكچى بولغان پروگراممىنىڭ ئاتىنى ئىزدەش كۆزنەكچىسىگە كىرگۈزۈپ، ياكى ئورنىتىلغان پروگراممىلار تىزىمىدىن ئىزدەپ تاپىسىز.

  4. پروگراممىنى تاللاپ چىقىرىۋەت نى چېكىڭ.

  5. ئىمنى كىرگۈزۈشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. كىرگۈزگەندىن كىيىن پروگرامما چىقىرىۋېتىلىدۇ.

بىر قىسىم پروگراممىلار نورمال ئىشلەش ئۈچۈن باشقا ئورنىتىلغان پروگراممىلارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ. ئەگەر سىز باشقا پروگرامما تەرىپىدىن لازىم قىلىنىدىغان مەلۇم بىر پروگراممىنى چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنسىڭىز، ھەر ئىككىسى چىقىرىۋېتىلىدۇ. چىقىرىۋېتىشتىن بۇرۇن راستلا چىقىرىۋېتەمسىز يوق سىزدىن جەزملەشتۈرۈشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.