سىمسىز تورغا باغلىنىش
كومپيۇتېرنىڭ سىمسىز تور ئىقتىدارى بولسا، ئېتىراپتىكى سىمسىز تورغا ئارقىلىق ئىنتېرنېتقا باغلانغىلى، توردىكى ھەمبەھىرلەنگەن ھۆججەتلەرنى كۆرگىلى ۋە باشقا ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.
كومپيۇتېرنىڭ سىمسىز ئۈسكۈنىسىنىڭ ئۈزچاتى بولسا، ئۇنى چېتىڭ.
-
تىزىملىك بالداق تىكى تور تىزىملىكى نى چېكىپ، باغلانماقچى بولغان تورنىڭ ئاتىنى چېكىڭ.
ئەگەر سىمسىز تورنىڭ ئاتى تىزىمدا بولمىسا، تېخىمۇ كۆپ تورلار نى چېكىڭ. شۇنداقتىمۇ تور كۆرۈنمىسە، ئۇلانماقچى بولغان تور سىزدىن بەك يىراق ياكى تور يوشۇرۇن بولۇشى مۇمكىن.
-
ئەگەر سىمسىز تور ئىم(شىفىرلاش ئاچقۇچى) ئارقىلىق قوغدالغان بولسا، ئىمنى سورىغاندا كىرگۈزۈڭ ۋە باغلىنىشنى چېكىڭ.
ئەگەر ئاچقۇچنى بىلمىسىڭىز، سىمسىز يېتەكچى(router) ياكى ئاساسىي ئىستانسا(base station) ئاستىغا، قوللانمىسىغا قاراپ بېقىڭ ياكى سىمسىز تورنى باشقۇرغۇچىدىن سوراپ بېقىڭ.
كومپيۇتېر تورغا باغلىنىدىغان چاغدا ئۇنىڭ تور سىنبەلگىسىنىڭ كۆرۈنۈشى ئۆزگىرىدۇ.
ئەگەر باغلىنىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، چېكىتنىڭ ئۈستىدە بىر قانچە ياي بار سىنبەلگىسى كۆرۈنىدۇ. ياي سانى قانچە كۆپ بولسا سىگنال كۈچلۈك، ئاز بولسا سىگنال ئاجىز دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر باغلىنىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا، ئىمنى يەنە سورايدۇ ياكى سىزگە باغلانمىغانلىقنىلا ئۇقتۇرىدۇ. ئۇلانماسلىقنىڭ ‹ئىم خاتا، سىمسىز تور سىگنالى بەك ئاجىز، تور كارتىسىدا مەسىلە بار› دېگەندەك سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن. تور كارتىسىدىكى مەسىلىنى سىمسىز توردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش دىن كۆرۈڭ.
تور سىگنالى كۈچلۈك تور باغلىنىشىنىڭ ئىنتېرنېتقا باغلىنىش سۈرئىتى تېز بولۇشى ناتايىن ياكى چۈشۈرۈش سۈرئىتىڭىزنىڭ تېز بولۇشى ناتايىن. سىمسىز تور كومپيۇتېرىڭىزنى ئىنتېرنېت باغلىنىشى تەمىنلىگەن ئۈسكۈنە (مودىم ياكى يېتەكلىگۈچ)گە باغلايدۇ ئەمما ئۈسكۈنە تەمىنلىگەن سىمسىز سىگنال كۈچلۈكلۈكى تور سۈرئىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
More Information
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
- توغرا ئىمنى كىرگۈزدۈم، بىراق يەنە ئۇلانمىدى — ئىمنى قايتا-قايتا تەكشۈرۈڭ، ئىم ئەمەس ئىم ئاچقۇچى(pass key) نى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ، سىمسىز تور كارتىسىنىڭ توكىنى ئۈزۈپ قايتا ئېچىپ كۆرۈڭ…
- سىمسىز تور نېمىشقا ھەمىشە ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ؟ — سىگنال ئاجىز ياكى سىستېما مۇۋاپىق باغلىنالمىغان.
- سىمسىز توردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش — سىمسىز تور باغلىنىشىدىكى مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش ۋە ھەل قىلىش