تېخى ئالىي دەرىجىلىك يۇمشاق دېتال باشقۇرۇش ئۈچۈن Synaptic نى ئىشلىتىش

Synaptic بوغچا باشقۇرغۇ ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان يۇمشاق دېتال باشقۇرغۇ بولۇپ، ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ. Synaptic نىڭ ئارايۈزى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، «يۇمشاق دېتال مەركىزى» مەركىزىگە ئوخشاش نومۇر قويۇش ۋە باھالاش ئىشلىرىنى قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇبۇنتۇ يېڭى ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

ئادەتتە Synaptic ئورنىتىلمىغان بولۇپ، ئۇنى يۇمشاق دېتال مەركىزى ئارقىلىق ئورنىتىشقا بولىدۇ.

يۇمشاق دېتاللارنى Synaptic نى ئىشلىتىپ ئورنىتىش

  1. باش تاختا ياكى ئىجراچى ئارقىلىق Synaptic نى ئىجرا قىلىسىز. كۆرۈنگەن كىملىك دەلىللەش كۆزنىكىدە ئىمنى كىرگۈزىسىز.

  2. پروگراممىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئىزدە نى ياكى، بۆلۈملەر نىڭ ئىچىدىكى كاتېگورىيىلەردىن قاراپ ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  3. ئورناتماقچى بولغان پروگراممىدا ئوڭ تەرەپنى چېكىپ ئورنىتىش ئۈچۈن بەلگە قويۇش نى تاللايسىز.

  4. ئەگەر باشقا ئۆزگىرىشلەرگىمۇ بەلگە قويۇش توغرىسىدا سورالسا بەلگە قوي نى چېكىسىز.

  5. باشقا ئورنىتىشنى خالايدىغان پروگراممىلارنى تاللايسىز.

  6. قوللان چېكىسىز، ۋە يەنە كۆرۈنگەن كۆزنەكتىن قوللان چېكىسىز. شۇنىڭ بىلەن سىز تاللىغان پروگرامما چۈشۈرۈلىدۇ ۋە ئورنىتىلىدۇ.

پروگرامما Synaptic ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئۈچۈن، Synaptic قوللانمىسى نى كۆرۈڭ.