سىملىق(Ethernet) تور غا باغلىنىش

سىملىق تور باغلىنىشىنى تەڭشەشتە پەقەت تور سىمىنى چاتسىڭىزلا بولىدۇ. تىزىملىك بالداقتىكى تور سىنبەلگىسى بىر قانچە سېكۇنت لىپىلداپ سىز باغلانغاندىن كېيىن «ئوقۇر» سىنبەلگىسىگە ئۆزگىرىدۇ.

ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلمىسە، ئالدى بىلەن تور سىمىنىڭ چېتىلغانلىقىنى جەزملەڭ. تور سىمىنىڭ بىر ئۇچى كومپيۇتېردىكى چاسا شەكىللىك دائىرىلىك تور ئېغىزىغا، يەنە بىر ئۇچى ئالماشتۇرغۇچ، يېتەكلىگۈچ، تامدىكى تور سىمى ئېغىزى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۈسكۈنە(تور تەڭشىكىڭىزگە باغلىق)گە چېتىلىدۇ.

ئادەتتە ئىككى كومپيۇتېرنى تور سىمى ئارقىلىق بىۋاسىتە چېتىشقا بولمايدۇ (بىر قىسىم ئالاھىدە تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بارمىغان ئەھۋالدا). ئىككى كومپيۇتېرنى باغلاش ئۈچۈن، ئىككىلىسى بىر دانە تور يىغقۇچى(network hub) غا ياكى يولچىغا(router) ياكى switch قا ئۇلاش كېرەك.

ئەگەر يەنىلا باغلانمىسا، سىز ئىشلىتىۋاتقان تورنىڭ ئاپتوماتىك تەڭشەش ئىقتىدارى(DHCP) يوق بولغان بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا تورنى چوقۇم قولدا تەڭشەش كېرەك.