ئاۋاز ياڭراقلىقىنى ئۆزگەرتىش

ئاۋازنىڭ ياڭراقلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، تىزىملىك بالداقتىكى ئاۋاز تىزىملىك نى چېكىڭ ھەمدە سۈرگۈچنى ئوڭ ۋە سولغا يۆتكەڭ. ئۇنسىز نى تاللاش ئارقىلىق ئاۋازنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرەلەيسىز.

بەزى كۇنۇپكا تاختىسىدا ئاۋازنىڭ ياڭراقلىقىنى باشقۇرىدىغان كۇنۇپكىلار بولغان بولىدۇ. ئادەتتە "دولقۇن" چىقىۋاتقان ياڭراتقۇ شەكلىدە ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ ، "F" كۇنۇپكىلىرىنىڭ يېنىدا بولغان بولىدۇ (مەسىلەن F7 ). ھەرپتاختىدىكى Fn نى بېسىپ تۇرۇپ ئۇلارنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، سىزنىڭ سىرتقى ياڭراتقۇڭىز بولسا، ياڭراتقۇ ئۈستىدىكى كونتروللىغۇچ ئارقىلىق تەڭشەش لىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ. بەزى نائۇشنىكنىڭ كونتروللىغۇچمۇ بولغان بولىدۇ.

ئايرىم پروگراممىنىڭ ئاۋاز ياڭراقلىقىنى ئۆزگەرتىش

بىرلا پروگراممىغا قارىتا ياڭراقلىقنى ئۆزگەرتىش لىپ باشقا پروگراممىلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆز پىتى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن،ناخشا ئاڭلىغاچ تورنى زىيارەت قىلىشتا تولىمۇ ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە، يەنى سىز تور كۆرگىنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈۋېتىش ئارقىلىق ئاڭلاۋاتقان مۇزىكىغا دەخلى يىتىشتىن ساقلىنالايسىز.

بەزى پروگراممىلارنىڭ ئاساسلىق كۆزنىكىدە ئاۋاز تىزگىنلىگۈچ بولغان بولىدۇ. ئەگەر بولسا شۇنى ئىشلىتىپ تىزگىنلىسىڭىز بولىدۇ . ئۇنداق بولمىسا تىزىملىك بالداقتىكى ئاۋاز تىزىملىكى چەككەندىن كىيىن ئاۋاز تەڭشىكى نى چېكىڭ. پىروگراممىلار دېگەن بەتكۈچكە يۆتكىلىپ پروگراممىنىڭ ئاۋازىنى تەڭشەڭ.

بۇ يەردە ئاۋاز قويىدىغان پروگراممىلارلا كۆرۈنىدۇ. ئەگەر ئاۋاز قويىدىغان مەلۇم پروگرامما بولۇپ بۇ يەردە كۆرۈنمىگەن بولسا، ئۇ سىزنىڭ بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ ئاۋازنى كونترول قىلىشىڭىزنى قوللىمايدىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋالدا سىز ئۇنىڭ ياڭراقلىقىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز.