باشقا ياڭراتقۇ ياكى نائۇشنىكى ئىشلىتىش

سىرتتىن باشقا ياڭراتقۇ ياكى نائۇشنىكنى كومپيۇتېرىڭىزدا ئىشلىتەلەيسىز. ياڭراتقۇ ئادەتتە يۇمىلاق TRS (tip, ring, sleeve) ئۇلىغۇچ ياكى USB لىق بولىدۇ.

ئەگەر سىزنىڭ ياڭراتقۇ ياكى نائۇشنىكنىڭ TRS ئۇلىغۇچىسى بولسا ، ئۇنى كومپيۇتېرنىڭ مۇۋاپىق بولغان ئېغىزىغا ئۇلاڭ. كۆپىنچە كومپيۇتېرلارنىڭ ئادەتتە ئىككى ئېغىزى بار: بىرى بولسا مىكروفون ئۈچۈن يەنە بىرى بولسا ياڭراتقۇ ئۈچۈن. يان تەرىپىدە نائۇشنىكنىڭ رەسىمى بار ئۇلاش ئېغىزىنى تىپىڭ. TRS ئېغىزىغا ئۇلانغان ياڭراتقۇ ياكى نائۇشنىك ئادەتتە كۆڭۈلدىكى ئۈسكۈنە بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن تۆۋەندىكى كۆڭۈلدىكى ئۈسكۈنىنى تاللاش كۆرسەتمىسىگە قاراڭ.

بەزى كومپيۇتېرلار كۆپ قاناللىق ئاۋاز چىقىرىشنى قوللايدۇ. بۇلار كۆپىنچە ھالدا رەڭ بىلەن ئايرىلغان بىر قانچە TRS ئۇلىغۇچنى ئىشلىتىدۇ . ئەگەر سىز قايسى ئۇلىغۇچنىڭ قايسى ئېغىزغا ئۇلىنىشىنى بىلەلمىسىڭىز، ئاۋاز تەڭشىكى ئارقىلىق ئاۋازنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. تىزىملىك بالداقتىكى ئاۋاز تىزىملىكى نى چەككەندىن كىيىن . ئاۋاز تەڭشىكى نى چېكىڭ. قاتتىق دېتال بەتكۈچتىكى ئۈسكۈنە تىزىمىدىن ياڭراتقۇڭىزنى تاللاپ، ياڭراتقۇنى سىناشنى چېكىڭ. ئېچىلغان كۆزنەكتىن ھەرقايسى ياڭراتقۇنىڭ كۇنۇپكىسىنى بىسىڭ. ھەرقايسى كۇنۇپكا شۇ كۇنۇپكىغا ماس قانالدىن ئاۋاز چىقىرىپ ئورنىنى مەلۇم قىلىدۇ.

ئەگەر سىزدە USB لىق ياڭراتقۇ ياكى نائۇشنىك ياكى USB لىق ئاۋاز كارتىسىغا چېتىلغان ئادەتتىكى نائۇشنىك بولسا، ئۇلارنى USB ئېغىزىغا چىتىڭ. USB لىق ئاۋاز ياڭراتقۇ ئايرىم ئاۋاز ئۈسكۈنىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ قايسى ياڭراتقۇنى كۆڭۈلدىكى قىلىپ ئىشلىتىشنى كۆرسىتىپ بېرىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

كۆڭۈلدىكى ئاۋاز كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسىنى تاللاش

  1. تىزىملىك بالداق تىكى ئاۋاز تىزىملىك نى چېكىپ ئاۋاز تەڭشىكى نى چېكىڭ.

  2. چىقىرىش بەتكۈچتىكى ئۈسكۈنە تىزىملىكىدىن ئۈسكۈنىنى تاللاڭ.

ئەگەر ئۈسكۈنىڭىزنى چىقىرىش بەتكۈچتىن تاپالمىسىڭىز، قاتتىق دېتال بەتكۈچىنى تەكشۈرۈڭ. ھەمدە ئۈسكۈنىنى تاللاپ باشقا سەپلىمە ھۆججەتنى سىناپ كۆرۈڭ.