باشقا مىكروفوننى ئىشلىتىش

سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئۆزىدە مىكروفون ياكى تور كامېراسى بولسىمۇ ، سىز باشقا مىكروفوننى ئۈن يىغىنى ، ئاۋازغا ئىلىش ياكى بولمىسا باشقا كۆپ ۋاسىتە پروگراممىسىغا ئىشلىتەلەيسىز. ئايرىم بولغان مىكروفون سىزنى بىر قەدەر ياخشى بولغان ئاۋاز ئۈنۈمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئەگەر سىزنىڭ مىكروفونۇڭىزدا يۇمىلاق قىستۇرما بولسا ئۇنى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ مۇۋاپىق بولغان ئورنىغا قىستۇرۇڭ. كۆپىنچە كومپيۇتېردا ئىككى قىستۇرۇش ئېغىزى بولۇپ بىرى مىكروفونغا يەنى بىر بولسا ياڭراتقۇ ئۈچۈن. يېنىغا مىكروفوننىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن قىستۇرۇش ئېغىزىنى تىپىڭ. ئادەتتە مۇشۇ ئېغىزغا مىكروفون چېتىلىدۇ. قىستۇرۇش ئېغىزىغا قىستۇرۇلغان مىكروفون كۆڭۈلدىكى مىكروفون بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن كۆڭۈلدىكى كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسىنى تاللاش دېگەن كۆرسەتمىگە قاراڭ.

ئەگەر سىزدە USB لىق مىكروفونى بولسا ، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ USB ئېغىزىغا قىستۇرۇڭ. USB لىق مىكروفون ئايرىم بولغان ئاۋاز ئۈسكۈنىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ، سىزنىڭ قايسى مىكروفوننى كۆڭۈلدىكى قىلىپ ئىشلىتىشىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىشىڭىزغا توغرا كېلىشى مۇمكىن.

كۆڭۈلدىكى ئاۋاز كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسىنى تاللاش

  1. تىزىملىك بالداق تىكى ئاۋاز تىزىملىك نى چېكىپ ئاۋاز تەڭشىكى نى چېكىڭ.

  2. كىرگۈزۈش بەتكۈچتىكى ، ئۈسكۈنە تىزىملىكىدىن ئۈسكىنىنى تاللاڭ. سىز سۆزلىگەندە كىرگۈزۈش دەرىجە كۆرسەتكۈچىدە ئىنكاس كۆرۈنىدۇ.