باشقا ئىشلەتكۈچىلەر ئىنتېرنېتقا باغلىنالمايدۇ

ئەگەر تور باغلىنىشىنى تەڭشىگەن بولسىڭىز ئەمما كومپيۇتېردىكى باشقا ئىشلەتكۈچىلەر تورغا چىقالمىغان بولسا ئۇنداقتا ئۇلار تورغا باغلانماقچى بولغاندا توغرا تەڭشەكنى كىرگۈزمىگەن بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئەگەر سىز سىمسىز تور باغلىنىشى ئىشلەتسىڭىز، ئۇلار سىمسىز تورنىڭ بىخەتەرلىك ئىمنى توغرا كىرگۈزمىگەن بولۇشى مۇمكىن.

سىز باغلىنىشنى تەڭشىگەندىن كېيىن ھەممە كىشىنىڭ تور باغلىنىشىنى ھەمبەھىرلەپ ئىشلىتەلىشى ئۈچۈن بۇ تەڭشەكنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا پەقەت بىرلا قېتىم تەڭشەپ مۇشۇ كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەن ھەممە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تورغا باغلىنالايدىغانلىقى سىستېما ئۇلاردىن ھېچقانداق مەسىلە سورىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇنداق سەپلىسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك قىلىڭ:

  1. تىزىملىك بالدىقىدىكى تور تىزىملىكىنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن باغلىنىشنى تەھرىرلەش نى چېكىسىز.

  2. ھەممە كىشى ئىشلىتەلەيدىغان باغلىنىشنى تېپىڭ. سىسمسىز تور بەتكۈچكە ئالمىشىڭ. مۇناسىپ تور ئاتىنى تاللاپ تەھرىرنى چېكىڭ.

  3. بارلىق ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىتەلەيدۇ نى تاللاپ ساقلانى چېكىڭ. باشقۇرغۇچىنىڭ ئىمنى كىرگۈزسىڭىز ئاندىن ئۆزگەرتىشنى ساقلىيالايسىز. پەقەت باشقۇرغۇچىلا بۇ مەشغۇلاتنى ئىجرا قىلالايدۇ.

  4. كومپيۇتېردىكى باشقا ئىشلەتكۈچىلەر ھېچقانداق ئۇچۇر كىرگۈزمەيلا بۇ باغلىنىشنى ئىشلىتەلەيدۇ.