باشقا ئىشلەتكۈچىلەر تور باغلىنىشىنى تەھرىرلىيەلمەيۋاتىدۇ

ئەگەر تور باغلىنىشىنى تەھرىرلىيەلىسىڭىز ئەمما كومپيۇتېردىكى باشق ئىشلەتكۈچىلەر تەھرىرلىيەلمىسە ئۇنداقتا سىز باغلىنىش تەڭشىكىنى بارلىق ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىتەلەيدۇ دەپ تەڭشىگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا كومپيۇتېردىكى ھەممە ئىشلەتكۈچى بۇ باغلىنىشنى ئىشلىتەلەيدۇ ئەمما پەقەت باشقۇرغۇچى ھوقۇقىغا ئىگە ئىشلەتكۈچىلا تەڭشەكنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

بۇنىڭ سەۋەبى ئەگەر تەڭشەك ئۆزگەرسە، ھەممە ئىشلەتكۈچى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، شۇڭلاشقا ئەڭ ئىشەنچلىك ئىشلەتكۈچى (باشقۇرغۇچى) نىڭ باغلىنىشنى ئۆزگەرتىشكە يول قويىدۇ.

ئەگەر باشقا ئىشلەتكۈچى چوقۇم باغلىنىشنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، باغلىنىشنى بارلىق ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىتەلەيدۇ دېگەننى تاللىماڭ. بۇنداق بولغاندا ھەممە ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ باغلىنىش تەڭشىكىنى باشقۇرالايدۇ، بىر گۇرۇپپا ھەمبەھىرلەيدىغان سىستېما دەرىجىسىدىكى تەڭشەككە تايانمايدۇ.

باغلىنىشنى ھەمبەھىرلىمە

  1. تىزىملىك بالدىقىدىكى تور تىزىملىكىنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن باغلىنىشنى تەھرىرلەش نى چېكىسىز.

  2. ھەممە ئىشلەتكۈچى ئۆزى باشقۇرۇپ/تەھرىرلەيدىغان باغلىنىشنى چېكىپ، ئۇنى تاللاپ ئاندىن كېيىن تەھرىر نى چېكىڭ.

  3. باغلىنىشنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن باشقۇرغۇچى ئىمىنى كىرگۈزۈش كېرەك. پەقەت باشقۇرغۇچىلا ئۆزگەرتەلەيدۇ.

  4. بارلىق ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىتەلەيدۇ نى تاللاشنى چىقىرىۋېتىپ ساقلانى چېكىڭ. كومپيۇتېردىكى باشقا ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ باغلىنىشىنى باشقۇرالايدۇ.