سىمسىز توردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

بۇ قەدەممۇ-قەدەم قىيىن مەسىلىگە جاۋاب يېتەكچىسى بولۇپ سىزگە ياردەملىشىپ سىمسىز تور مەسىلىسىنى ئىزدەپ ھەل قىلىدۇ. ئەگەر سىمسىز تورغا باغلىنالمىسىڭىز تۆۋەندىكى يېتەكچىنى سىناڭ.

بىز تۆۋەندىكى قەدەم باسقۇچ ئارقىلىق كومپيۇتېرىڭىزنى ئىنتېرنېتقا باغلايمىز:

  • دەسلەپكى تەكشۈرۈشنى ئىجرا قىلىش

  • قاتتىق دېتالىڭىزغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاش

  • قاتتىق دېتالىڭىزنى تەكشۈرۈش

  • سىمسىز يېتەكلىگۈچكە باغلىنىشنى سىناش

  • مودېم ۋە يېتەكلىگۈچنى تەكشۈرۈشنى ئىجرا قىلىش

مەشغۇلاتنى باشلاشتا، بەتنىڭ ئوڭ ئۈستىدىكى كېيىنكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ. بۇ ئۇلىنىش ۋە ئۇنىڭ كەينىدىكى ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇلىنىش سىزنى يېتەكچىنىڭ ھەر قايسى قەدەم باسقۇچلىرىنى تاماملاشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

بۇيرۇق قۇرى ئىشلىتىش

بۇ يېتەكچىدىكى بەزى قەدەم باسقۇچلارغا سىزنىڭ تېرمىنالدا بۇيرۇق كىرگۈزۈشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ، تاختادىن تېرمىنال ئەپنى تاپالايسىز.

ئەگەر بۇيرۇق ئىشلىتىشتە پىششىق بولسىڭىز، ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ يېتەكچى ھەر بىر قەدەم باسقۇچتا تەپسىلىي يېتەكچىنى كۆرسىتىدۇ. پەقەت ھەممە بۇيرۇقنىڭ چوڭ كىچىك يېزىلىشنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقى، كىرگۈزگەن ھەممە بۇيرۇقنىڭ مەزكۇر يېتەكچىدە كۆرسىتىلگەن بىلەن تامامەن ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇڭ، ئاخىرىدا بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ بولۇپ Enter نى بېسىشنى ئۇنۇتماڭ.