تور تىزىمىدا سىمسىز تور(ئۆزۈمنىڭ) كۆرۈنمىدى

تىزىملىك بالداقتىكى تور سىنبەلگىسىنى چەككەندە كۆرسىتىدىغان تور تىزىمىدا سىمسىز تورنى كۆرەلمەسلىكىڭىزنىڭ سەۋەبى نۇرغۇن.

  • سىمسىز تور قاتتىق دېتالى ئېتىلىپ قالغان ياكى نورمال ئىشلىمىگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا سىمسىز تور كارتىسىنىڭ قاتتىق دېتالىنىڭ ئۈزچاتىغا قاراپ بېقىڭ.

  • ئەتراپتا سىمسىز تور بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ، سىز ئىزدىگەن تور تىزىمنىڭ بىرىنچى بېتىدە كۆرۈنمىگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا تىزىمنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى ئوڭ تەرەپكە قارىغان يا ئوقى بەلگىسىگە قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە چاشقىنەك ياق ئوقىنىڭ ئۈستىگە كەلسە قالغان سىمسىز تورلار كۆرۈنىدۇ.

  • سىز سىمسىز تور يوق دائىرىدە بولۇشىڭىز مۇمكىن ياكى سىمسىز تورنىڭ دائىرىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەن بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن. سىمسىز تور ئاساسىي ئاپپاراتىغا يېقىنراق بېرىپ سىناپ كۆرۈڭ.

  • سىمسىز تورلارنىڭ تىزىمىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ۋاقىت كېتىدۇ. كومپيۇتېرنى ئاچقان ھامان ياكى باشقا يەرگە يۆتكەلگەن ھامان، تور تىزىمىنىڭ يېڭىلىنىشىغا بىرەر مىنۇتتەك ۋاقىت كېتىپ قالىدۇ.

  • ياكى سىمسىز تور يوشۇرۇن بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر يوشۇرۇن بولسا باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق باغلىنىش كېرەك.