ھۆججەت ۋە قىسقۇچلارنى تەرتىپلەش

ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىدە ھۆججەتلەرنى ھەرخىل ئۇسۇلدا تەرتىپلىيەلەيسىز، مەسىلەن چېسلا بويىچە ياكى ھۆججەتنىڭ سىغىمى بويىچە دېگەندەك. تەرتىپلەش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىلىرى بولسا كۆپ ئۇچرايدىغان تەرتىپلەش ئۇسۇلى.

سىز تۈرلەرنىڭ قانداق تەرىپلىنىشىنى ئۆزگەرتكەن ۋاقتىڭىزدا ، تەرتىپلەش پەقەت شۇ قىسقۇچتىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ھۆججەت باشقۇرغۇچى سىزنىڭ تەرتىپلەش تاللىشىڭىزنى ئۇ قىسقۇچ ئۈچۈن ساقلاپ ، باشقا قىسقۇچلارغا كۆڭۈلدىكى تەرىپلەشنى ئىشلىتىدۇ. كۆڭۈلدىكى تەرىپلەشنى قانداق ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى بۇ يەردىن ھۆججەت باشقۇرغۇنىڭ كۆرۈنۈش مايىللىقلىرى كۆرۈڭ.

سىزنىڭ تەرتىپلەش ئۇسۇلىڭىزنىڭ قانداق بولۇشى سىز ئىشلىتىۋاتقان قىسقۇچ كۆرۈنۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. نۆۋەتتىكى كۆرۈنۈشنى كۆرۈش تىزىملىكىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزگەرتەلەيسىز.

سىنبەلگىلىك كۆرۈنۈش

To sort files in a different order, right-click a blank space in the folder and choose an option from the Arrange Items menu. Alternatively, use the View ◂ Arrange Items menu.

مەسىلەن ، ئات بويىچە نى تۈرلەرنى رەتلە دىن تاللىسىڭىز، ھۆججەتلەر ئۇنىڭ ئىسمنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە رەتلىنىدۇ. باشقا تاللاشلار ئۈچۈن تەرتىپلەش ئۇسۇللىرى نى كۆرۈڭ.

تۈرلەرنى رەتلە دىن ئەكس تەرتىپ نى تاللاپ ئەكس تەرتىپتە تىزىش ئېلىپ بارالايسىز.

قىسقۇچتىكى ھۆججەتلەرنىڭ تەرتىپى ۋە ئورنىنى تولۇق كونترول قىلىش ئۈچۈن قىسقۇچتىكى بوش ئورۇنغا ئوڭ تەرەپنى چېكىپ تۈرلەرنى رەتلە ◂ قولدا نى تاللايسىز. بۇنىڭ بىلەن ھۆججەتلەرنى سۆرەش ئارقىلىق قىسقۇچتا قايتا رەتلەش ئېلىپ بارالايسىز. قولدا رەتلەش پەقەت سىنبەلگىلىك كۆرۈنۈشتىلا كۈچكە ئىگە.

تۈرلەرنى رەتلە دىكى ئىخچام جايلاشتۇر دېگەن تاللانما ھۆججەتلەرنىڭ ئامال بار ئاز بولغان بوشلۇقنى ئىگىلەيدىغان قىلىدۇ. ھۆججەتلەر بەك كۆپ بولغان ئەھۋالدا تولىمۇ قۇلايلىق.

تىزىم كۆرۈنۈش

ئوخشاش بولمىغان تەرتىپتە ھۆججەتلەرنى تىزماقچى بولسىڭىز، ھۆججەت باشقۇرغۇچتىكى بىر ئىستون بېشىنى چېكىڭ. مەسىلەن، تىپى نى چەكسىڭىز ھۆججەتلەرنىڭ تىپى بويىچە تىزىلىدۇ. ئىستون بېشىنى يەنە بىر چەكسىڭىز ئەكس تەرتىپتە تىزىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تىزىملىك كۆرۈنۈشىدە ئىستوننى كۆپ خاسلىقى بويىچە كۆرسىتەلەيسىز ۋە شۇ ئىستونلارنى تىزالايسىز. كۆرۈش ◂ ئىستوننى كۆرسىتىش نى چېكىپ كۆرۈنىدىغان قىلماقچى بولغان ئىستوننى تاللاڭ. شۇنداق بولغاندا بۇ ئىستون بويىچە تەرتىپلەش ئېلىپ بارالايسىز. ئىناۋەتلىك ئىستونلارنى كۆرۈش ئۈچۈن ھۆججەت باشقۇرغۇنىڭ تىزىم ئىستونلىرىنىڭ مايىللىقلىرى گە قاراڭ.

ئىخچام كۆرۈنۈش

سىنبەلگىلىك كۆنۈشتىكى ئىخچام كۆرۈنۈشكە ئوخشاش ئۇسۇلدا ھۆججەتنى ئىخچام تىزالايسىز. ئوخشىمايدىغان يېرى قولدا ھۆججەتنى خالىغان ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرالمايسىز. ئۇلار باشتىن ئاخىرى تىزىملىك كۆرۈنۈشىدە بولىدۇ.

تەرتىپلەش ئۇسۇللىرى

ئاتى بويىچە

ھۆججەت ئاتىنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تەرتىپلەيدۇ.

چوڭلۇقى بويىچە

ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى بويىچە تەرتىپلەيدۇ. ئادەتتە كىچىكتىن چونغا قاراپ تەرتىپلەيدۇ.

تىپى بويىچە

ھۆججەتنىڭ تىپىنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تەرتىپلەيدۇ. ئوخشاش تۇردىكى ھۆججەتلەرنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ ئاندىن ئاتىنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تەرتىپلەيدۇ.

ئۆزگەرتكەن چېسلا بويىچە

ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزگەرتىلگەن ۋاقىت ۋە چېسلا بويىچە تەرتىپلەيدۇ. ئادەتتە كونىدىن يېڭىغا قاراپ تەرتىپلەش ئېلىپ بارىدۇ.