ھۆججەتلەرنى ۋە قىسقۇچلارنى ئۆچۈرۈش

سىز مەلۇم تۈرنى ئۆچۈرگەندە ئۇ ئەخلەتخانا قىسقۇچقا يۆتكىۋېتىلگەن بولىدۇ، تاكى سىز ئەخلەت ساندۇقىنى قۇرۇقدىغانغا قەدەر شۇ جايدا ساقلىنىدۇ. ئەخلەتخانا قىسقۇچىدا ساقلانغان ھۆججەتلەرنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ياكى تاسادىپىي ئۆچۈرۈلگەن بولسا ئەخلەتخانا قىسقۇچتىن ئەسلىدىكى ئورنىغا ئۆچۈرۈلگەن تۈرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

ھۆججەتنى ئەخلەتخانىغا تاشلاش ئۈچۈن:

  1. بىر قېتىم چېكىش ئارقىلىق ئەخلەتخانىغا تاشلىماقچى بولغان تۈرنى تاللاڭ.

  2. كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Delete نى بېسىڭ. ياكى يان كۆزنەكتىكى ئەخلەتخانا غا سۆرەپ يۆتكەڭ.

ھۆججەتلەرنى مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈپ كومپيۇتېرنىڭ دىسكىسىدىكى ئورنىنى بوشىتىش ئۈچۈن ئەخلەتخانىنى قۇرۇقدىشىڭىزغا توغرا كۈلىدۇ. ئەخلەتخانىنى قۇرۇقداش ئۈچۈن ، يان كۆزنەكتىكى ئەخلەتخانا دا چاشقىنەكنىڭ ئوڭ تەرەپ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئەخلەتخانىنى بوشات نى تاللايمىز.

بىر ھۆججەتنى مەڭگۈلۈككە ئۆچۈرۈش

ھۆججەتنى ئەخلەتخانىغا يۆتكىمەيلا تۇرۇپ تېزلىكتە مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈۋېتەلەيسىز.

ھۆججەتنى مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈش ئۈچۈن:

  1. ئۆچۈرمەكچى بولغان تۈرنى تاللايسىز.

  2. Shift بېسىپ قويۇۋەتمەي تۇرۇپ، Delete كۇنۇپكىسىنى باسىسىز.

  3. بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ، ھۆججەت ياكى قىسقۇچنى ئۆچۈرۈش توغرىسىدا سىزدىن جەزملەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

If you frequently need to delete files without using the trash (for example, if you often work with sensitive data), you can add a Delete entry to the right-click menu for files and folders. Click Edit ◂ Preferences and select the Behavior tab. Select Include a Delete command that bypasses Trash.

يۆتكىلىشچان ئۈسكۈنە دىكى ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەت Windows ياكى Mac OS دېگەندەك باشقا مەشغۇلات سىستېمىدا كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن، ھۆججەتلەر يەنىلا شۇ يەردە بار بولۇپ، سىز كومپيۇتېرىڭىزغا قايتا چاتقان ۋاقتىڭىزدا كۆرۈنىدۇ.