ھۆججەتلەرنى ئىزدەش

ھۆججەت باشقۇرغۇدا تۇرۇپلا ھۆججەتلەرنى ئاتى ياكى تىپىغا ئاساسەن ئىزدەشكە بولىدۇ. كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىزدەشنى ساقلاپ قويسىڭىز، بۇ ماكان مۇندەرىجە ئىچىدە ئالاھىدە قىسقۇچ بولۇپ كۆرۈنىدۇ.

ئىزدەش

  1. ھۆججەت باشقۇرغۇنى ئاچىسىز

  2. ھۆججەت بار قىسقۇچنى بىلسەك، شۇ يەرگە يۆتكىلىسىز.

  3. قورال بالدىقىدىن ئىزدە نى چېكىسىز ياكى Ctrl+F نى باسىسىز.

  4. ھۆججەت ئاتىدا بار دەپ پەرەز قىلغان سۆز ياكى سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىEnterنى باسىسىز. مەسىلەن: ۋەتەن دەپ كىرگۈزسىڭىز، ھۆججەت ئاتى تەركىبىدە ۋەتەن دېگەن سۆز بولغان بارلىق ھۆججەتلەرنى ئىزدەپ تاپىدۇ(چوڭ كىچىك يېزىلىشىغا قارىمايدۇ).

  5. ئورۇن ۋە ھۆججەت تىپىنى بەلگىلەپ ئىزدەش نەتىجىسىنى سۈزەلەيسىز. + توپچىنى چېكىپ تېخىمۇ كۆپ ئىزدەش شەرتى قوشالايسىز.

    • تارتما تىزىمدىن ئورۇننى تاللاپ قىسمەن ئىزدەش نەتىجىسىنى سۈزەلەيسىز.

    • تارتما تىزىمدىن ھۆججەت تىپىنى تاللاپ قىسمەن ئىزدەش نەتىجىسىنى سۈزەلەيسىز.

    - توپچىنى چېكىپ ئىزدەش شەرتىنى چىقىرىۋېتىپ، ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ دائىرىسىنى كەڭەيتەلەيسىز.

  6. ھۆججەت باشقۇرغۇدا ھۆججەتلەرنى ئېچىش، كۆچۈرۈش، ئۆچۈرۈش ۋە باشقا مەشغۇلاتلارنى قىلغاندەك، ئىزدەپ تاپقان ھۆججەتلەرگىمۇ ئوخشاش مەشغۇلات ئېلىپ بارالايسىز.

  7. قورال بالداقتىكى ئىزدەش نى باسسىڭىز ئىزدەش ئاخىرلىشىپ قىسقۇچقا قايتىپ كېلىدۇ.

مەلۇم ئىزدەشنى ھەمىشە ئېلىپ بارسىڭىز، ئۇنى ساقلاپ قويسىڭىز، كېيىنكى قېتىم ئوڭايلا ئىزدەش ئېلىپ بارالايسىز.

ئىزدەشنى ساقلاش

  1. ئۇستىدىكىدەك ئۇسۇلدا ئىزدەش ئېلىپ بارىسىز.

  2. ئىزدىگەن نەرسىڭىز دەل تېپىلغان ۋاقىتتا، ھۆججەت ◂ ئىزدەشكە ئات قويۇپ ساقلاش نى چېكىسىز.

  3. ئىزدەشكە ئات قويۇپ ساقلاش نى چېكىسىز. خالىسىڭىز ئىزدەشنى باشقا قىسقۇچقىمۇ ساقلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كېيىن ئۇ قىسقۇچنى ئاچقان ۋاقتىڭىزدا، لوپا ئەينەك بار سېرىق رەڭلىك قىسقۇچ كۆرۈنىدۇ.

ئىزدەش نەتىجىسىنى ئۆچۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى بىلەن باشقا ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى ئوخشاش. سىز مەلۇم بىر ساقلانغان ئىزدەش نەتىجىسىنى ئۆچۈرگەندە ئىزدەش نەتىجىسىدىكى ھۆججەت ئۆچۈرۈلمەيدۇ.