ھۆججەت باشقۇرغۇنىڭ كۆرۈنۈش مايىللىقلىرى

قىسقۇچنىڭ كۆرۈنۈشى، ھۆججەت ۋە قىسقۇچلارنىڭ تەرتىپلىنىش ئۇسۇلى، ئىخچام كۆرۈنۈشتىكى سىنبەلگىنىڭ چوڭلۇقى ۋە يان بالداقتا ھۆججەتلەرنىڭ دەرەخسىمان تىزىمدا كۆرۈنۈشى قاتارلىقلارنى تىزگىنلەشكە بولىدۇ. بۇنى خالىغان بىر ھۆججەت باشقۇرغۇ كۆزنىكىدە تەھرىر ◂ مايىللىقلار نى چېكىپ كۆرۈنۈشلەر دېگەن بەتكۈچتە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

كۆڭۈلدىكى كۆرۈنۈشى

يېڭى قىسقۇچلارنى كۆرۈش ئۇسۇلى

ئادەتتە يېڭى قىسقۇچ سىنبەلگىلىك كۆرۈنۈشتە كۆرسىتىلىدۇ. كۆرگەن ھەر بىر قىسقۇچنىڭ كۆرۈنۈشىنى تاللاشقا بولىدۇ، ھۆججەت باشقۇرغۇمۇ تاللىغاننى ئەستە تۇتۇۋالىدۇ. تىزىم كۆرۈنۈشى ياكى ئىخچام كۆرۈنۈشنى كۆپرەك ئىشلىتىدىغان ئىشلار بولسا، ئۇنى كۆڭۈلدىكى قىلىپ بەلگىلەشكە بولىدۇ.

ھەر بىر قىسقۇچنىڭ كۆرۈنۈشنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۆرۈنۈش تىزىملىكىدىن سىنبەلگە، تىزىم ياكى ئىخچام نى تاللىسا بولىدۇ.

تۈرلەرنى رەتلەش

قىسقۇچ ئىچىدىكى تۈرلەرنى(ھۆججەت ۋە قىسقۇچلارنى) ئاتى، چوڭلۇقى، ھۆججەت تىپى، ئەڭ ئاخىرقى تۈزىتىلگەن ۋاقتى، ئەڭ ئاخىرقى زىيارەت قىلىنغان ۋاقتى، ياكى ئەخلەتخانىغا تاشلانغان ۋاقتى بويىچە تىزىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. مەلۇم بىر قىسقۇچتىكى ھۆججەتلەرنى تەرتىپلەش ئۇسۇلىنى كۆرۈنۈش ◂ تۈرلەرنى رەتلە تىزىملىكىنى ئىشلىتىپ، ياكى تىزىم كۆرۈنۈشنىڭ ئىستون قېشىنى چېكىپ ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. تەپسىلاتى ئۈچۈن ھۆججەت ۋە قىسقۇچلارنى تەرتىپلەش گە قارالسۇن. بۇ تىزىملىك پەقەتلا نۆۋەتتىكى قىسقۇچقىلا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھۆججەت باشقۇرغۇ ھەر بىر قىسقۇچنىڭ تەرتىپلەش ئۇسۇلىنى ئېسىدە تۇتۇۋالىدۇ.

يېڭى قىسقۇچتا ئىشلىتىدىغان كۆڭۈلدىكى تەرتىپلەش ئۇسۇلىنى تۈرلەرنى رەتلە تىزىمدىن تاللاشقا بولىدۇ.

قىسقۇچلارنىڭ ھۆججەتنىڭ ئالدىغا تەرتىپلەش

ئادەتتە ھۆججەت باشقۇرغۇ، بارلىق قىسقۇچلارنى ھۆججەتلەرنىڭ ئالىدا كۆرسىتىدۇ. قىسقۇچلار ۋە ھۆججەتلەر تاللانغان تەرتىپلەش ئۇسۇلىدا رەتلىنىدۇ. ئەگەر قىسقۇچلارنى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلماي ھۆججەتلەر بىلەن قىسقۇچلارنى تەرتىپلەش ئۇسۇلىدا ئارىلاش رەتلىمەكچى بولغاندا بۇ تاللانما تاللانمىسا بولىدۇ.

يوشۇرۇن ۋە زاپاس ھۆججەتنى كۆرسەت

ئادەتتە ھۆججەت باشقۇرغۇدا، يوشۇرۇن ھۆججەتلەر ۋە قىسقۇچلار كۆرۈنمەيدۇ. يوشۇرۇن ھۆججەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئۈچۈن ھۆججەتنى يوشۇرۇش گە قارالسۇن. يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرۈنۈش تىكى مەخسۇس بىرەر كۆزنەكتە كۆرسىتىشكە بولىدۇ. يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى ھەمىشە كۆرۈنىدىغان قىلىش ياكى ئېچىلغان كۆزنەكتە كۆرۈنىدىغان قىلىش ئۈچۈن بۇ تاللانما تاللانسا بولىدۇ.

سىنبەلگىلىك كۆرۈنۈشنىڭ كۆڭۈلدىكىلىرى

كۆڭۈلدىكى چوڭايتىش-كىچىكلىتىش دەرىجىسى

سىنبەلگىلىك كۆرۈنۈشتە سىنبەلگە ۋە تېكىستلەرنى چوڭراق ياكى كىچىكرەك قىلىشقا بولىدۇ. بىرەر قىسقۇچقا نىسبەتەن بۇنى كۆرۈنۈش تىزىملىكىدە قىلىشقا بولىدۇ. قىسقۇچقا بەلگىلەنگەن چوڭايتىش-كىچىكلىتىش دەرىجىسىنى ھۆججەت باشقۇرغۇ ئەستە ساقلىۋالىدۇ. مەلۇم بىر خىل چوڭايتىش-كىچىكلىتىش دەرىجىسىنى ھەمىشە ئىشلەتسىڭىز، ئۇنى كۆڭۈلدىكى قىلىپ بەلگىلىۋېلىشقىمۇ بولىدۇ.

سىنبەلگىلىك كۆرۈنۈشتە، كۆرسىتىلىدىغان تېكىستلەر چوڭايتىش-كىچىكلىتىش دەرىجىسىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. تەپسىلاتى ئۈچۈن سىنبەلگە ماۋزۇسى غا قارالسۇن.

تېكىست سىنبەلگە يېنىدا

بۇ تاللانما تاللانسا، ھۆججەت ۋە قىسقۇچ ئاتى سىنبەلگىنىڭ ئوڭ يېنىدا كۆرۈنىدۇ(ئاستىدا ئەمەس). بۇ ئىنتايىن ئىخچام كۆرۈنۈش بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ.

ئىخچام كۆرۈنۈشنىڭ كۆڭۈلدىكىلىرى

كۆڭۈلدىكى چوڭايتىش-كىچىكلىتىش دەرىجىسى

ئىخچام كۆرۈنۈشتىكى تېكىستلەرنىڭ چوڭلۇقىنى چوڭراق ياكى كىچىكرەك قىلىپ بەلگىلەشكە بولىدۇ. بىرەر قىسقۇچقا نىسبەتەن بۇنى كۆرۈنۈش تىزىملىكىدە قىلىشقا بولىدۇ. ھەر بىر قىسقۇچقا بەلگىلەنگەن چوڭايتىش-كىچىكلىتىش دەرىجىسىنى ھۆججەت باشقۇرغۇ ئەستە ساقلىۋالىدۇ. مەلۇم بىر خىل چوڭايتىش-كىچىكلىتىش دەرىجىسىنى ھەمىشە ئىشلەتسىڭىز، ئۇنى كۆڭۈلدىكى قىلىپ بەلگىلىۋېلىشقىمۇ بولىدۇ.

ھەممە ئىستونلارنىڭ كەڭلىكىنى ئوخشاش قىلىش

ئادەتتە، ئىخچام كۆرۈنۈشتە ھەر بىر ئىستوننىڭ كەڭلىكى شۇ ئىستوندىكى تۈرلەرنىڭ ئاتىنى تولۇق كۆرسىتەلەيدىغان كەڭلىكتە بولىدۇ. بۇ تاللانما تاللانسا ھەممە ئىستونلارنىڭ كەڭلىكى ئوخشاش بولىدۇ. ئاتى ئۇزۇنراق بولغان ھۆججەت ياكى قىسقۇچنىڭ پاتمىغان قىسمى(ئاخىرى) كۆپ چېكىت(…) بىلەن كۆرسىتىلىدۇ.

تىزىم كۆرۈنۈشنىڭ كۆڭۈلدىكىلىرى

كۆڭۈلدىكى چوڭايتىش-كىچىكلىتىش دەرىجىسى

تىزىم كۆرۈنۈشتىكى تېكىست ۋە سىنبەلگىلەرنىڭ چوڭلۇقىنى چوڭراق ياكى كىچىكرەك قىلىپ بەلگىلەشكە بولىدۇ. بىرەر قىسقۇچقا نىسبەتەن بۇنى كۆرۈنۈش تىزىملىكىدە قىلىشقا بولىدۇ. ھەر بىر قىسقۇچقا بەلگىلەنگەن چوڭايتىش-كىچىكلىتىش دەرىجىسىنى ھۆججەت باشقۇرغۇ ئەستە ساقلىۋالىدۇ. مەلۇم بىر خىل چوڭايتىش-كىچىكلىتىش دەرىجىسىنى ھەمىشە ئىشلەتسىڭىز، ئۇنى كۆڭۈلدىكى قىلىپ بەلگىلىۋېلىشقىمۇ بولىدۇ.

دەرەخسىمان كۆرۈنۈشنىڭ كۆڭۈلدىكىلىرى

بارلىق قىسقۇچلارنى ھۆججەت باشقۇرغۇنىڭ يان بالدىقىدا دەرەخسىمان كۆرۈنۈشتە كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇنى قىلىش ئۈچۈن كۆرۈنۈش ◂ يان بالداق ◂ دەرەخسىمان نى تاللىسا بولىدۇ. ئادەتتە يان بالداقتا قىسقۇچلارلا كۆرسىتىلىدۇ. ئەگەر ھۆججەتلەرنىمۇ كۆرسەتكۈڭىز بولسا قىسقۇچلارنىلا كۆرسەتسۇن نى تاللىمىسىڭىزلا بولىدۇ.