كۆزنەكلەرنى ئالماشتۇرۇش

ئىجراچىدا ئالماشتۇرۇش

  1. چاشقىنەك ئىسترېلكىسىنى ئۈستى سول بۇلۇڭغا ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىجراچىنى كۆرسىتىمىز.

  2. ئىجرا بولۇۋاتقان پروگراممىلارنىڭ سىنبەلگىسىنىڭ سول تەرىپىدە كىچىك ئاق رەڭلىك ئۈچبۇلۇڭ شەكىللىك يا ئوقى بار. ئالماشتۇرماقچى بولغان پروگراممىنىڭ سىنبەلگىسى چېكىلسە، شۇ پروگراممىنىڭ كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ.

  3. ئەگەر ئىجرا بولۇۋاتقان پروگراممىنىڭ بىر قانچە كۆزنىكى بار بولسا، يا ئوقىدىنمۇ بىر نەچچىسى بولىدۇ. پروگراممىنىڭ سىنبەلگىسى ئىككىنچى قېتىم چېكىلسە ھەممە كۆزنەكلەر چوڭىيىپ كۆرۈنىدۇ. بۇلاردىن ئىشلەتمەكچى بولغاننى چەكسە بولىدۇ.

ھەرپتاختىسىدا ئالماشتۇرۇش

  • Alt كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، Tab كۇنۇپكىسىنى باسسا، كۆزنەك ئالماشتۇرغۇ پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدا سىستېمىدا ئىجرا بولۇۋاتقان پروگراممىلارنىڭ سىنبەلگە تىزىمى كۆرۈنىدۇ.

    • Alt نى قويۇۋەتمەي تۇرۇپ، Tab نى باسسا، ئوخشىمىغان كۆزنەك تاللىنىپ، Alt قويۇۋېتىلسە، شۇ كۆزنەككە ئالمىشىدۇ.

    • ئالدىنقى كۆزنەككە ئالمىشىش ئۈچۈن، Alt نى بېسىپ تۇرۇپ، Shift+Tab نى باسسا بولىدۇ.

    • پەقەت نۆۋەتتىكى خىزمەت بوشلۇقى كۆزنىكىنىلا كۆرسىتىدۇ. باشقا خىزمەت بوشلۇقى كۆزنەكلىرىنى كۆرسىتىشتە، Ctrl ۋە Altنى بېسىپ تۇرۇپ يەنە Tab ياكى Shift+Tabنى باسىسىز.

  • Windows+W بېسىلسا، بارلىق كۆزنەكلەر كۆرۈنىدۇ.

    • ئالماشماقچى بولغان كۆزنەكنى چەكسىلا بولىدۇ.