خىزمەت رايونى دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى بار؟
خىزمەت بوشلۇقى ئۈستەلئۈستى كۆزنىكىنىڭ تارمىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەۋھۇم ئۈستەلئۈستى خىزمەت بوشلۇقىڭىزنى چوڭايتىدۇ. خىزمەت بوشلۇقى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئۈستەلئۈستىگە تېخىمۇ ئاسان يول باشلاش ئۈچۈندۇر.
خىزمەت بوشلۇقى ئارقىلىق خىزمىتىڭىزنى تەشكىللىيەلەيسىز. مەسىلەن، ئېلخەت ۋە مۇڭداشقۇ پىروگراممىلىرىغا ئوخشاش بارلىق ئالاقە كۆزنەكلىرىنى بىر خىزمەت بوشلۇقىغا، ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنى يەنە بىر خىزمەت بوشلۇقىغا، نەغمە باشقۇرغۇچنى ئۈچىنچى بىر خىزمەت بوشلۇقىغا جايلاشتۇرالايسىز.
قوزغىغۇچنى ئېچىپ ئاستىغا يېقىن خىزمەت بوشلۇقى ئالماشتۇرغۇچ سىنبەلگىسىنى چېكىڭ. كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا ئۇبۇنتۇ 4 خىزمەت بوشلۇقىنى 2 رەت 2 قۇر بويىچە تىزىپ كۆرسىتىدۇ. خىزمەت بوشلۇقىنىڭ سانىنى ناھايىتى قولاي ھالدا ئۆزگەرتەلەيسىز:
خىزمەت رايونىنىڭ سانىنى ئۆزگەرتىش
باش تاختا دىن تېرمىنال ئىچىڭ.
-
قۇر سانىنى ئۆزگەرتىشتە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ ئەڭ ئاخىرىدىكى ساننى سىز ئۆزگەرتمەكچى بولغان سانغا ئۆزگەرتىپ Enterنى بېسىڭ.
gconftool-2 --type=int --set /apps/compiz-1/general/screen0/options/vsize 2
-
رەت سانىنى ئۆزگەرتىشتە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ ئەڭ ئاخىرىدىكى ساننى سىز ئۆزگەرتمەكچى بولغان سانغا ئۆزگەرتىپ Enterنى بېسىڭ.
gconftool-2 --type=int --set /apps/compiz-1/general/screen0/options/hsize 2
More Information
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
- خىزمەت رايونلىرىنى ئالماشتۇرۇش — خىزمەت رايونىنى ئالماشتۇرغۇنى ئېچىپ، خىزمەت رايونىنى قوش چەكسە بولىدۇ.
- كۆزنەكنى باشقا خىزمەت رايونىغا يۆتكەش — خىزمەت رايونى ئالماشتۇرغۇنى ئېچىپ، كۆزنەكنى باشقا خىزمەت رايونىغا سۆرەپ تاشلىسا بولىدۇ.