كۆزنەكنى ئەڭ چوڭ قىلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش

سىز كۆزنەكنى چوڭايتىپ پۈتكۈل ئېكرانغا لىق تولدۇرالايسىز ياكى چوڭايتىشنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ كۆزنەكنىڭ ئەسلى چوڭلۇقىغا قايتۇرالايسىز. يەنە كۆزنەكنى سولدىن ئوڭغا بويىغا چوڭايتالايسىز، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ قولاي ھالدا كۆپ كۆزنەكنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرەلەيسىز. كۆزنەكنى كاھىشتەك تىزىپ كۆرسىتىش دىن تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتنى كۆرۈڭ.

كۆزنەكنى چوڭايتىشتا ماۋزۇ بالداقنى تۇتۇپ ئۇنىڭ ئېكراننىڭ ئۈستىگە سۆرەڭ، ماۋزۇ بالداقنى قوش چەكسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەرپتاختىدا بىر كۆزنەكنى چوڭايتىشتا Ctrl ۋە Super بېسىپ تۇرۇپ نى بېسىڭ.

كۆزنەكنى ئەسلىگە قايتۇرۇشتا ئۇنى ئېكران گىرۋىكىدىن سۆرەيسىز. ئەگەر كۆزنەك تولۇق چوڭايتىلغان بولسا ماۋزۇ بالداقنى قوش چېكىپ ئەسلىگە كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ. ھەرپتاختا تېز كۇنۇپكىسى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ Ctrl+Super+.

Alt نى بېسىپ تۇرۇپ كۆزنەكنىڭ خالىغان جايى سۆرەلسە كۆزنەكنى يۆتكىگىلى بولىدۇ.